فىرانسىيەنىڭ (AFP) ئاگېنتلىقىنىڭ ھىندىستان ئارمىيەسى مەنبەلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستان بىلەن پاكىستان ئەسكەرلىرى تالاش-تارتىشلىق كەشمىر رايونىدا ئىككى دۆلەتنى ئايرىپ تۇرىدىغان كونترول لىنىيەسىنى بويلاپ توقۇنۇشنىڭ ئىككىنچى كۈنى ئارقا – ئارقىدىن بىر - بىرىگە ئوق چىقارغان.
ھىندىستان ئارمىيەسى پاكىستان ھەربىي بازىلىرىنىڭ ھېچقانداق شەكىلدىكى قۇتراتقۇلۇق ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن بولۇشىغا قارىماي كەشمىردىكى كونترول لىنىيەسىنى بويلاپ يېنىك تىپتىكى قورال – ياراغلار بىلەن ھىندىستان ئەسكەرلىرىگە ئوق چىقارغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ھىندىستان دائىرىلىرى: «ھىندىستان قىسىملىرى كىچىك تىپتىكى قورال – ياراغلار بىلەن پاكىستان تەرەپكە تېگىشلىك جاۋاب قايتۇردى» تەرىقىسىدە باياناتلارنى بەگەن، ھەمدە بۇ جەرياندا ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
بۇ مەزمۇنى ئۆزگىرىشچان خەۋەر بولۇپ، داۋاملىق يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ…