ئوچېرىك
1 مىنۇت ئوقۇش
ئىستانبۇلدا 6.2 بال يەر تەۋرىدى، يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ھېچقانداق ماددىي زىيان كۆرۈلمىدى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىستانبۇلدا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتى ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا: «پۇقرالىرىمىزدىن ھال سورايمەن، ئۆزگىرىشلەرنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتىمىز» دېدى.
ئىستانبۇلدا 6.2 بال يەر تەۋرىدى، يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ھېچقانداق ماددىي زىيان كۆرۈلمىدى
AFAD said all relevant institutions and response teams have been mobilised and field scans are underway to assess potential damage and ensure public safety. / TRT World and Agencies
23 Prill 2025

تۈركىيە جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق مەركىزىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، تۈركىيەدە مەركىزى ئىستانبۇلنىڭ سىلىۋرى ناھىيەسى بولغان 6.2 بال كۈچلۈك يەر تەۋرەش يۈز بەرگەن.

يەر تەۋرەش چارشەنبە كۈنى شۇ جاي ۋاقتى سائەت  12:49 دە يۈز بەرگەن. ئىستانبۇلنىڭ ھەممە جايلىرىدا ۋە ئەتراپتىكى ۋىلايەتلەردە كۈچلۈك ھېس قىلىنغان يەر تەۋرەش پۇقرالارنىڭ قورقۇپ بىنالاردىن سىرتقا چىقىشىغا سەۋەب بولغان.

يەنە بىر  4.9 بال يەر تەۋرەش سائەت 13:02 دە بۈيۈكچەكمەجە ئەتراپىدىكى مارمارا دېڭىزىدا يۈز بەرگەن.

يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىن بارلىق مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار ۋە ياردەم گۇرۇپپىلىرى سەپەرۋەر قىلىنغان، يەر تەۋرەش ئاپىتىدە كېلىپ چىققان ماددىي زىيانلارنى بېكىتىش ۋە جەمئىيەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش ئۈچۈن ساھە تەكشۈرۈشلىرى ئىزچىل داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، ھەرقايسى ياردەم گۇرۇپپىلىرى ۋەزىيەتنى پائال كۆزىتىپ، ياردەم خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا ئىكەن.

 ھازىرغىچە  ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلۈپ كۆرۈلمىگەنلىكى ياكى چوڭ كۆلەمدىكى ماددىي زىيانلارنىڭ كېلىپ چىقىپ چىقمىغانلى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىگەن.

 ئىگىلىنىشىچە، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى  جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئۆزگىرىشلەرنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە بىلەن ئەنگلىيە سۈرىيەگە قويۇلغان چەكلىمىلەرنى شەرتسىز بىكار قىلىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىريۇسسېلدا ھەممىلا يەردە جاسۇسلار نىڭ بارلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: لىۋاندىكى ئۇرۇش توختىتىش  كېلىشىمىدىن خۇرسەنمىز
ترامپ ۋە مودى ھىندىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى كۆرمەسكە سالدى
غەززەنىڭ كۆزى: پلېستىيا ئەلئەققادنىڭ پەلەستىندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى چۈشەندۈرۈش كۈرىشى
تۈركىيە تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى تۈركىيەنىڭ دۇنيادىكى تونۇشىنى ئۆزگەرتىۋاتىدۇ
ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى دەۋرىدىكى رامىزان ۋە ھۇزۇر مۇنازىرىلىرى
ئوتتۇز كۈنلۈك غەلىبە: 1897-يىلدىكى ئوسمانلى -گىرېتسىيە ئۇرۇشى
تۈركىيە «تېخىمۇ ئادىل بىر دۇنيا» بەرپا قىلىش ئۈچۈن خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى چاقىرماقتا
داتچادىكى ئوسمانلى دەۋرىگە ئائىت كېمە چۆكۈپ كېتىش ۋەقەسى
تارىخىي «رىگاتا» سۇ تەنتەربىيەسى بايرىمى نىگېرىيەنىڭ مەدەنىيەت مىراسىنى نامايان قىلدى
جەنۇبىي كورېيە پارلامېنت ئەزالىرى پىرېزىدېنتنىڭ جىددىي ھالەت جاكارلاش قارارىنى رەت قىلدى
گىرۇزىيە ئەڭ يۇقىرى سوت مەھكىمىسى پىرېزىدېنتنىڭ سايلام نەتىجىسىنى بىكار قىلىش تەلىپىنى رەت قىلدى
نېپال بىلەن خىتاي «بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشى» تۈرى توغرىسىدا رامكا كېلىشىمى ئىمزالىدى
جەنۇبىي كورىيە ساقچى ئىدارىسى «توپىلاڭ» سەۋەبىدىن پىرېزىدېنتنى تەكشۈرۈشكە باشلىدى
TRT Global نى كۆرۈپ چىقىڭ. پىكىرلىرىڭىزنى ھەمبەھىرلەڭ!
Contact us