خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى: «ئەگەر ئامېرىكا ئۇرۇش قىلماقچى بولسا، مەيلى تاموژنا ئۇرۇشى، سودا ئۇرۇشى ياكى باشقا ھەر قانداق ئۇرۇش بولسۇن، بىز ئاخىرىغىچە ئۇرۇش قىلىشقا تەييارمىز» دېدى.
نۇرغۇن كىشىلەر بۇنى ھېچ بولمىغاندا خىتاي تەرەپ ئېغىز تالىشىشنىڭ كۈچىيىشى دەپ چۈشەندۈردى. بۇ بايانات شۇنداق قورقۇنچلۇق ئىنكاس قوزغىدىكى، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن بۇنداق بىۋاسىتە بايانات ئاز ئاڭلىناتتى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ باياناتى، دۇنيادىكى ھەر قايسى رەسمىي ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ تارقالدى.
قىسقىسى، بۇ بىز ئادەتتە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» ياكى مەركەزدىن مەلۇم مۇساپىدە تۇرۇپ، يا بۇيرۇق بويىچە ياكى بۇيرۇققا خىلاپلىق قىلىپ شۇنداق قىلىدىغان «ئۇرۇشقاق» دىپلوماتلاردىن كۆرىدىغان باتۇرلۇق ئەمەس.
ئۇنىڭ ئۈستىگە يېقىنقى بىر نەچچە ئاي ئىچىدە، ئامېرىكا سايلىمى ھارپىسىدا، خىتاينىڭ ئېلان قىلغان رەسمىي باياناتلىرى ۋە دۆلەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرى، ۋاشىنگىتونغا ئېھتىياتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلغان بولۇپ، دونالد ترامپنىڭ قايسى يولنى تاللايدىغانلىقىنى كۆرۈش ئۈچۈن ساقلاپ، ئادەتتە ترامپ ياقتۇرىدىغان «سەن ماڭا قىلساڭ، مەنمۇ ساڭا قىلىمەن» دېگەن ۋەزىيەتكە چۈشۈپ قالماسلىق ئۈچۈن تىرىشقان ئىدى.
ھازىر ئامېرىكا يېڭى ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا قارشى قاتتىق پوزىتسىيەدە ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقى ئېنىق بولدى. بۇ باياناتنى پەقەت بولمىدى دېگەندە پەلەينىڭ چىقىرىلغانلىقىنىڭ بەلگىسى دېيىشكە بولىدۇ.
بىز يەنە، «بېيجىڭ ئامېرىكا بىلەن تېخىمۇ بىۋاسىتە تىركىشىش باسقۇچىغا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرەمدۇ؟» دەپ ئويلىماي تۇرالمايمىز. بەزىلەر پەرەز قىلغانغا ئوخشاش، ئەگەر ئامېرىكانىڭ ئۇكرائىنادىن چېكىنىشى ۋاشىنگىتوننىڭ پۈتكۈل دىققىتىنى خىتايغا قارشى يۆتكەشكە يول ئېچىپ بەرسە، ئۇنداقتا بېيجىڭنىڭ قەتئىي پوزىتسىيە بىلدۈرىدىغان ۋاقتى كەلدى. ھەتتا، ئامېرىكا ئىغۋاگەرچىلىك قىلسا ئۇرۇش قىلىشقا تەييار دېيىشكىمۇ بولىدۇ.
بىر تەرەپتىن، بۇنداق پوزىتسىيە بېيجىڭنىڭ بۇ يېڭى دەۋردە، خىتاينىڭ چوڭ كۈچ سۈپىتىدە دۇنيا سەھنىسىنىڭ مەركىزىگە قايتا كەلگەنلىكى بىلەن، شۇنداقلا كۆپ قۇتۇپلۇق دۇنيانىڭ شەكىللىنىشىنى ئىجابىي ھالدا ئەمەلگە ئاشۇرۇۋاتقان بىر دۆلەت بولغانلىقى ھەققىدىكى باياناتى بىلەن ماسلىشىدۇ.
يەنە بىر تەرەپتىن، ترامپ رۇسىيە بىلەن بولغان ئالاقىدە ئېھتىيات قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى قايتا-قايتا كۆرسەتتى. ئەگەر مۇناسىۋەتلەردە خاتا كەتسە، ئۈچىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقىنى ئېيتىپ، ئىزچىل ھالدا ئەندىشەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلدى.
سابىق پىرېزىدېنت جو بايدىن رۇسىيەنىڭ مەغلۇبىيىتى ۋە رۇسىيە ئىقتىسادىنىڭ ۋەيران بولۇشى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن ئىدى.
بۈگۈن بولسا، رۇسىيەنىڭ غەلىبە قىلىش ئېھتماللىقىنى كۆزدە تۇتقان ھالدا سۆھبەت ئۆتكۈزىدىغان ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بار. ئۇ ئىتتىپاقداشلىرى، ھەتتا ئۇكرائىنا بولمىسىمۇ سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ.
خىتاي ئۈچۈن ساۋاق ناھايىتى ئېنىق: ئەگەر ترامپ رۇسىيە بىلەن كەڭ كۆلەملىك ئۇرۇشتىن قورقسا، ئەگەر رۇسىيە ناتوغا، ئۇكرائىناغا، ياۋروپاغا ۋە ئامېرىكاغا قارشى قەتئىي تۇرغان بولسا، شۇنداقلا ۋەيران قىلغۇچى ئىقتىسادىي ھۇجۇملارغا بەرداشلىق بەرگەن بولسا، ئۇنداقتا ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي جەھەتتە رۇسىيەدىن كۆپ كۈچلۈك بولغان خىتايمۇ پەقەت بولمىدى دېگەندە شۇنداق قەتئىي تۇرۇشى كېرەك. بولۇپمۇ ترامپ ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئىرادىسىنى سىنىماقچى بولسا، تېخىمۇ شۇنداق قىلىشى كېرەك.
ئۆتكەن يىلى، بېيجىڭدا ترامپنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق پرېزىدېنتلىقى خىتاينىڭ مەنپەئەتلىرىگە پايدىلىق دېگەن ئۈنسىز بىر ئورتاق تونۇش بار ئىدى. شۈبھىسىزكى، ئۇكرائىنادىكى توقۇنۇشنى ھەل قىلىش، ۋاشىنگتوننىڭ خىتايغا تېخىمۇ كۆپ دىققەت قىلىشىغا يول ئاچىدۇ دەپ ئەنسىرىگەنلەرمۇ بار ئىدى. بىراق، كىشىلەر ئامېرىكانىڭ بۇ توقۇنۇشتىن پايدىلىنىپ، خىتاينىڭ ياۋروپا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى بۇزغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى مۇمكىن.
بۇ جەرياندا، بايدىن ھۆكۈمىتى خىتايغا قارشى قورشاش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتا ھېچقانداق ئاستىلىمىدى، ھەتتا ئۇرۇش خەۋپى 2023-يىلىغا كەلگەندە شۇنداق يۇقىرى بولۇپ، پەسەيتىشنى تەلەپ قىلغۇدەك دەرىجىگە يەتكەن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكانىڭ ئۇكرائىنادىكى نىشانلىرىنىڭ مەغلۇب بولىدىغانلىقى بارغانسېرى ئېنىق بولۇپ قالغان ئىدى.
بايدىن سىياسىتى مەغلۇب بولدى. ترامپنىڭ قايتىپ كېلىشى ئامېرىكاغا تاكتىكىسىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ياخشى پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ دېيىلىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، خىتايلار ئۇنىڭ خىتايغا قارشى خەلقئارالىق قوللاشنى ئويغىتىشى، ئۈنۈمسىز بولىدۇ دەپ ئىشىنەتتى.
خىتايلار ترامپنىڭ بەكىرەك ئامېرىكا ئىتتىپاقداشلىرى ئىچىدە، ئامېرىكانىڭ ئۆزىدە قۇتۇپلىشىشنى ۋە باشقۇرۇش كىرىزىسلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ بىرىنچى قېتىملىق پىرېزىدېنتلىق نۆۋىتىدە بولغاندەك، سودا كېلىشىمى تۈزۈش ئېھتىماللىقى يۇقىرى، دەپ ئويلىغان. چۈنكى سودا ئۇرۇشى ئاخىرىدا ئامېرىكالىقلارغا زور قىيىنچىلىقلارنى ئېلىپ كېلىدىغان بولۇپ، ترامپ كونگرەدە قارشىلىقلارغا ۋە سايلىغۇچىلارنىڭ نارازىلىقلىرىغا دۇچ كېلەتتى.
ئەگەر جۇمھۇرىيەتچىلەر كونگرەنىڭ ئاۋام پالاتاسىدا كونتروللۇقىنى يوقاتسا، ترامپنىڭ ئىككىنچى قېتىم كېلىشى، ئىككىنچى مەغلۇبىيەت سۈپىتىدە قارىلىدۇ.
ترامپ قولىنى پۈتۈنلەي كۆرسەتمىگەن بولسىمۇ، بېيجىڭ ئامېرىكانىڭ بىرلا ۋاقىتتا ئۈچ خىل ئىستراتېگىيەلىك يولنى تاپقانلىقىنى كۆرمەكتە. بىرىنچىسى، ئامېرىكا ئايرىۋېتىش ۋە خىتايغا قارشى قورشاش تاكتىكىسىغا تولۇق كىرىشىشى مۇمكىن. بىراق، بۇ خىتاينى دوللارغا قارشى تۇرۇشقا ئىتتىرىدىغان ئىقتىسادىي ئۇرۇشنى قوزغاش خەۋپىنى ئېلىپ كېلىدۇ. بۇنداق بولغاندا، ئامېرىكا ئىقتىسادى (شۇنداقلا ئامېرىكا ھەربىي كۈچى) ئاساسىي جەھەتتىن دوللارنىڭ دۆلەت ئۈستى پۇل بىرلىكى سۈپىتىدىكى كۈچىگە قۇرۇلغانلىقى ئۈچۈن، ھەربىي توقۇنۇشقا تېخىمۇ بىۋاسىتە ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن.
ئىككىنچىسى، ئامېرىكا تېخىمۇ تار تەسىر دائىرىسىگە ئىستراتېگىيەلىك چېكىنىش سىياسىتىنى، يەنى يېڭى مونرو ئىدىيەسىنى ئىلگىرى سۈرۈشى مۇمكىن. ئامېرىكا جۇغراپىيەلىك جەھەتتىن ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولغان غەربىي يېرىم شارغا قايتىشى مۇمكىن. كىلىمات ئۆزگىرىشىگە نىسبەتەن شىمالىي قۇتۇپنىڭ نىسپىي قىممىتىنى نەزەردە تۇتقاندا، بۇ گرېنلاندىيە ۋە كانادا قاتارلىقلارغا قارشى ھەرىكەتلەر بىلەن تولۇقلىنىشى مۇمكىن.
بۇ ئەھۋالدا، خىتاي ۋە رۇسىيە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئورۇنلىرىنى بېكىتىشكە مەجبۇر بولىدۇ. گەرچە ئىككى دۆلەت ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى، برىكس (BRICS)، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئارقىلىق ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ دېيىلگەندەك ئاسان بولماسلىقى مۇمكىن.
ئۈچىنچىسى، ترامپ بەلكىم چوڭ بىر سودىلىشىش ئۈچۈن كۈچ توپلاۋاتقان بولۇشىمۇ مۇمكىن. ئۇ خىتايدىن مۇمكىن قەدەر كۆپ نەپ ئېلىشنى، جۈملىدىن دوللار، ئامېرىكا ئىقتىسادى ۋە ئامېرىكانىڭ ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئەتلىرىنى قوغداشنى، ئاخىرىدا خىتاينىڭ ئامېرىكاغا مەبلەغ سېلىشقا ۋە ئىشلەپچىقىرىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، ياۋروپانىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كېتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. بۇ ئېھتىماللىق شۈبھىسىزكى بېيجىڭنى ھاياجانلاندۇرۇپ، ياۋروپانى قورقىتىدۇ. بەلكىم بۇ، ئۈچ يولنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ رېئال بولغىنى. بىراق، كونگرە ئوتتۇرا مۇددەتلىك سايلام يېتىپ كېلىشتىن ئىلگىرى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.
خىتاينىڭ بۇ تاكتىكىلارنى ۋە مۇمكىن بولغان ئىستراتېگىيەلىك يوللارنى چۈشىنىدىغانلىقىنى ھەمدە ھەر بىرى ئۈچۈن كۈتۈلمىگەن ۋەزىيەت پىلانلىرى بارلىقىنى ئېيتىش ئادىللىق بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بېيجىڭ ئالاقزادە ياكى تەشۋىشچى بولۇپ كۆرۈنۈشنى خالىمايدۇ، چۈنكى بۇ دەل ترامپ قوزغاشقا تىرىشىۋاتقان نەرسە. ئۇنىڭ ئەڭ ئاڭلىغۇسى كەلمەيدىغان خەۋەر، رۇسىيەدىن كۈچلۈك بىر دۆلەتنىڭ ئۇرۇشقا تەييار ئىكەنلىكىدۇر. كانادا، مېكسىكا، پاناما ۋە كولومبىيەنىڭ ئەكسىچە، خىتاينى قورقىتىپ مەجبۇرلاش ئاسان ئەمەس.