سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ: ئامېرىكا مەركىزىي بانكىسىنىڭ رەئىسىنى ۋەزىپىدىن بوشىتىش نىيىتىم يوق
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئامېرىكا مەركىزىي بانكىسىنىڭ رەئىسى جېرومې پاۋېلنىڭ ئۆسۈمنى تۆۋەنلىتىش مەسىلىسىدە تېخىمۇ ئاكتىپ بولۇشىنى كۆرۈشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ترامپ: ئامېرىكا مەركىزىي بانكىسىنىڭ رەئىسىنى ۋەزىپىدىن بوشىتىش نىيىتىم يوق
Trump pointed to a recent drop in prices, particularly in energy and grocery items, as justification for a rate cut. / AP
23 أبريل 2025

ترامپ ئامېرىكا مەركىزىي بانكىسىنىڭ رەئىسى جېرومې پاۋېلنى ۋەزىپىدىن بوشىتىش نىيىتى يوقلۇقۇنى بىلدۈردى، ئەمما ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش مەسىلىسىدە  جېرومې پاۋېلغا بېسىم قىلىشنى داۋاملاشتۇردى.

ئۇ، سەيشەنبە كۈنى ئوۋال ئىشخانىسىدا ژۇرنالىستلارغا بەرگەن باياناتىدا مۇنداق دېدى:

 «ئۇنى ۋەزىپىدىن بوشىتىش نىيىتىم يوق. ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش مەسىلىسىدە ئۇنىڭ بىرئاز تېخىمۇ پائال بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»

بۇنىڭ ئۆسۈم نىسبىنى تۆۋەنلىتىشنىڭ ناھايىتى ياخشى پەيتى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ترامپ، بۇنداق بىر ھەرىكەتنىڭ ئىنتايىن مۇھىم بولمىسىمۇ، ئەمما ئىقتىسادىي مەسىلىلەردە مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«ئەگەر ئۇ بۇنداق قىلمىسا، بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن ئىشتىن بوشىتىلىش بولامدۇ؟ ياق، ھەرگىزمۇ ئۇنداق بولمايدۇ. لېكىن بۇ ھازىرقى ئەھۋالدا ناھايىتى ياخشى ئىش بولاتتى.»

 

ترامپ ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشنىڭ سەۋەبىنىڭ بولۇپمۇ يېقىندىن بۇيان ئېنېرگىيە ۋە دۇكان مەھسۇلاتلىرىدىكى مال باھالىرىنىڭ تۆۋەنلىشى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:

«بىردىنبىر تۆۋەنلىمىگەن نەرسە — ئەمما كۆپمۇ ئۆسمىگەن نەرسە — ئۆسۈم نىسبەتلىرى بولدى، بىز ئامېرىكا مەركىزىي بانكىسى ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشى كېرەك دەپ قارايمىز.

مەركىزىي بانكىسى رەئىسىمىزنىڭ كېچىكىپ كېتىشتىنمۇ كۆرە بالدۇرراق ياكى دەل ۋاقتىدا ھەرىكەتكە ئۆتۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز.»

 خىتاي – ئامېرىكا سودا ئۇرۇشى

 ترامپ خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا ئوتتۇرىغا چىققان سودا جىددىيچىلىكى توغرىسىدا توختالغاندا، خىتاي ماللىرىغا قويۇلغان % 145 لىك تاموژنا بېجى نىسبىتىنىڭ «كۆرۈنەرلىك» تۆۋەنلەيدىغانلىقىنى، ئەمما «نۆلگە چۈشمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:

«خىتاي بىلەن قاتتىق ھەپىلىشىمەن. بىز ئىنتايىن دوستانە بولىمىز، ئۇلارمۇ ئىنتايىن دوستانە بولىدۇ، نېمە بولىدىغانلىقىنى كۆرىمىز.

ئاخىرىدا ئۇلار كېلىشىم تۈزۈشكە مەجبۇر، بولمىسا ئامېرىكادا سودا قىلالمايدۇ. شۇڭا، بىز ئۇلارنىڭ سودا ئىشلىرىغا داخىل بولۇشىنى خالايمىز، لېكىن ئۇلارمۇ، باشقا دۆلەتلەرمۇ كېلىشىم تۈزۈشكە مەجبۇر، ئەگەر ئۇلار كېلىشىم تۈزمىسە، بىز كېلىشىمنى بەلگىلەيمىز.»

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە بىلەن ئەنگلىيە سۈرىيەگە قويۇلغان چەكلىمىلەرنى شەرتسىز بىكار قىلىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىريۇسسېلدا ھەممىلا يەردە جاسۇسلار نىڭ بارلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: لىۋاندىكى ئۇرۇش توختىتىش  كېلىشىمىدىن خۇرسەنمىز
ترامپ ۋە مودى ھىندىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى كۆرمەسكە سالدى
غەززەنىڭ كۆزى: پلېستىيا ئەلئەققادنىڭ پەلەستىندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى چۈشەندۈرۈش كۈرىشى
تۈركىيە تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى تۈركىيەنىڭ دۇنيادىكى تونۇشىنى ئۆزگەرتىۋاتىدۇ
ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى دەۋرىدىكى رامىزان ۋە ھۇزۇر مۇنازىرىلىرى
ئوتتۇز كۈنلۈك غەلىبە: 1897-يىلدىكى ئوسمانلى -گىرېتسىيە ئۇرۇشى
تۈركىيە «تېخىمۇ ئادىل بىر دۇنيا» بەرپا قىلىش ئۈچۈن خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى چاقىرماقتا
داتچادىكى ئوسمانلى دەۋرىگە ئائىت كېمە چۆكۈپ كېتىش ۋەقەسى
تارىخىي «رىگاتا» سۇ تەنتەربىيەسى بايرىمى نىگېرىيەنىڭ مەدەنىيەت مىراسىنى نامايان قىلدى
جەنۇبىي كورېيە پارلامېنت ئەزالىرى پىرېزىدېنتنىڭ جىددىي ھالەت جاكارلاش قارارىنى رەت قىلدى
گىرۇزىيە ئەڭ يۇقىرى سوت مەھكىمىسى پىرېزىدېنتنىڭ سايلام نەتىجىسىنى بىكار قىلىش تەلىپىنى رەت قىلدى
نېپال بىلەن خىتاي «بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشى» تۈرى توغرىسىدا رامكا كېلىشىمى ئىمزالىدى
جەنۇبىي كورىيە ساقچى ئىدارىسى «توپىلاڭ» سەۋەبىدىن پىرېزىدېنتنى تەكشۈرۈشكە باشلىدى
TRT Global نى كۆرۈپ چىقىڭ. پىكىرلىرىڭىزنى ھەمبەھىرلەڭ!
Contact us