جەنۇبىي كورېيە ئىستىخبارات ئىدارىسى چارشەنبە كۈنى پارلامېنت ئەزالىرىغا بەرگەن مەلۇماتىدا، شىمالىي كورېيەنىڭ رۇسىيە بىلەن بىرلىشىپ ئۇكرائىنا قىسىملىرىغا قارشى ئۇرۇش قىلىشى جەريانىدا تەخمىنەن 4700 ئەسكىرىنىڭ ئۆلگەنلىكى ياكى يارىلانغانلىقىنى مەلۇم قىلدى.
بۇ بايانات شىمالىي كورېيەنىڭ، رۇسىيە ئۆتكەن يىلى ئۇكرائىنانىڭ تۇيۇقسىز قىلغان بىر قېتىملىق ھۇجۇمى سەۋەبلىك كونتروللۇقىنى يوقىتىپ قويغان كۇرسكى رايونىنىڭ بىر قىسىم جايلىرىنى قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن تۇنجى قېتىم جەڭچى ئەۋەتكەنلىكىنى دەلىللىشىدىن ئىككى كۈن كېيىن ئوتتۇرىغا چىقتى.
پارلامېنت كومىتېتىنىڭ يېپىق دوكلات بېرىش يىغىنىغا قاتناشقان پارلامېنت ئەزاسى لى سىيوڭ كۋىيۇن بايانات بېرىپ، جەنۇبىي كورېيە مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى شىمالىي كورېيەنىڭ رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا 600 ى ئۆلۈك بولۇپ جەمئىي 4700 ئەسكىرىنىڭ تالاپەتكە ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈردى.
لى مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە، مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ 2000 يارىدار شىمالىي كورېيە ئەسكىرىنىڭ يانۋار ۋە مارت ئايلىرى ئارىلىقىدا ئايروپىلان ياكى پويىز ئارقىلىق شىمالىي كورېيەگە قايتۇرۇپ ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى دوكلات قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە ئۆلگەن شىمالىي كورېيە ئەسكەرلىرىنىڭ جەسەتلىرىنىڭ رۇسىيەدە كۆيدۈرۈلۈپ، كۈللىرىنىڭ كېيىن ۋەتىنىگە ئەۋەتىلگەنلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.
مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى يانۋار ئېيىدا تەخمىنەن 300 شىمالىي كورېيە ئەسكىرىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، 2700 نەپىرىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى. جەنۇبىي كورېيە ئارمىيەسى ئۆتكەن ئايدا بۇ ساننىڭ 4000 غا يەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.
دۈشەنبە كۈنى شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇننىڭ، «ئۇكرائىنالىق يېڭى ناتسىست ئىشغالىيەتچىلەرنى يوقىتىش ۋە كۇرسكى رايونىنى رۇسىيە قوراللىق قىسىملىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئازاد قىلىش» ئۈچۈن ئەسكەر ئەۋەتىشنى قارار قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن كېيىن شىمالىي كورېيەگە رەھمەت ئېيتىپ، شىمالىي كورېيە ئەسكەرلىرىنىڭ پىداكارلىقىنى ئۇنتۇپ قالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
كىم جوڭئۇن بىلەن پۇتىن ھەر ئىككىلىسى شىمالىي كورېيەنىڭ بۇ ئەسكەر ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئىككى دۆلەتنىڭ 2024-يىلىدىكى مۇداپىئە كېلىشىمى دائىرىسىدە ئىشقا ئاشۇرغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ كېلىشىم، تەرەپلەردىن بىرى ھۇجۇمغا ئۇچرىغان تەقدىردە، ئۆزئارا ياردەم بېرىشنى كاپالەتلەندۈرىدۇ. ئامېرىكا، جەنۇبىي كورېيە ۋە ئۇلارنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى، شىمالىي كورېيەنىڭ رۇسىيەنىڭ خوراپ كەتكەن قورال-ياراغ زاپىسىنى تولۇقلاش ئۈچۈن زور مىقداردا ئادەتتىكى قوراللار بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ئۇلار يەنە رۇسىيەنىڭ بۇنىڭ بەدىلىگە شىمالىي كورېيەگە ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي ياردەم قىلىۋاتقانلىقىدىن گۇمانلانماقتا.
10 مىڭدىن ئارتۇق شىمالىي كورېيە ئەسكىرى
ئامېرىكا، جەنۇبىي كورېيە ۋە ئۇكرائىنا دائىرىلىرى شىمالىي كورېيەنىڭ ئۆتكەن يىلى كۈزدە رۇسىيەگە 10 مىڭدىن 12 مىڭغىچە ئەسكەر ئەۋەتكەنلىكىنى بىلدۈردى. جەنۇبىي كورېيە ئارمىيەسى مارت ئېيىدا شىمالىي كورېيەنىڭ بۇ يىلنىڭ بېشىدا رۇسىيەگە تەخمىنەن 3000 قوشۇمچە ئەسكەر ئەۋەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
چارشەنبە كۈنىدىكى دوكلات بېرىش يىغىنىدا، مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ رۇسىيەنىڭ شىمالىي كورېيەنى ھاۋا مۇداپىئە باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرى، ئېلېكتىرونلۇق ئۇرۇش ئۈسكۈنىلىرى، ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ۋە جاسۇسلۇق سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش تېخنىكىسى بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى مۆلچەرلەۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى. بۇ ئۇچۇرنى يىغىنغا قاتناشقان پارلامېنت ئەزاسى كىم بيوڭ كىي جامائەتچىلىككە ئاشكارىلىدى.
كىم يەنە مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ 15 مىڭ شىمالىي كورېيەلىك ئىشچىنىڭ ئىككى تەرەپلىك سانائەت ھەمكارلىق پىلانى دائىرىسىدە رۇسىيەگە ئەۋەتىلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكىنى قەيت قىلدى. پارلامېنت ئەزاسى يەنە شىمالىي كورېيەنىڭ رۇسىيەگە ئەۋەتكەن باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە زەمبىرەك ئوق-دورىلىرىنىڭ مىلياردلارچە دوللار قىممىتىدە ئىكەنلىكىنى، لېكىن مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ رۇسىيەنىڭ بۇلار ئۈچۈن شىمالىي كورېيەگە نەق پۇل تۆلىگەنلىكىگە دائىر ھېچقانداق ئالامەتنى بايقىمىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.