فىلىپپىن مەھەللىي تاراتقۇلىرى سەيشەنبە كۈنى پىرېزىدېنت فېردىناند ماركوس مۇسۇلمان فىلىپپىنلىقلارنىڭ ئىسلامىي ئەنئەنىلەرگە ئاساسەن توغرا ۋە تېز دەپنە قىلىنىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان بىر قانۇننى ئىمزالىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
Inquirer.Net تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، «فىلىپپىن ئىسلامىي دەپنە قانۇنى» 11-ئاپرېل ئىمزالىنىپ، دۈشەنبە كۈنى ھۆكۈمەت گېزىتىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، يېڭى قانۇنغا ئاساسەن، ئۆلۈم ئىسپاتى بولمىسىمۇ، دەپنە مۇراسىمى ئىمكانقەدەر تېز ئۆتكۈزۈلۈشى شەرت ئىكەن.
لېكىن، قانۇندا دەپنە مۇراسىمىنى ئۆتكۈزگەن كىشىنىڭ ياكى مەرھۇمنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك تۇغقىنىنىڭ 14 كۈن ئىچىدە ئۆلۈم ئەھۋالىنى يەرلىك سەھىيە خادىمىغا مەلۇم قىلىشىنىڭ شەرت ئىكەنلىكى، سەھىيە خادىمىنىڭ ئۆلۈم سەۋەبىنى دەلىللەپ، ئۆلۈم ئىسپاتىنى چىقىرىپ بېرىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان.
قانۇندا: «ئىسلامىي قائىدىلەرگە ئۇيغۇن دەپنە قىلىش ئۈچۈن، مۇسۇلمانلارنىڭ جەسىتى دوختۇرخانا، داۋالاش ئورنى، دەپنە مۇراسىمى ئورنى، جەسەتخانا، تۇتۇپ تۇرۇش ۋە تۈرمە ياكى جەسەتنى ئەمەلىي ئاسراش ياكى نازارەت قىلىشنى ئۈستىگە ئالغان ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخسلەر تەرىپىدىن 24 سائەت ئىچىدە تاپشۇرۇپ بېرىلىشى كېرەك» دېگەن ئىبارىلەر ئورۇن ئالغان.
بۇنىڭدىن باشقا، قانۇندا دوختۇرخانا ياكى دەپنە خىراجەتلىرى تۆلەنمىگەنلىكى ياكى باشقا ئورۇنسىز سەۋەبلەر بىلەن مۇسۇلماننىڭ جەسىتىنى تاپشۇرۇپ بېرىشنى رەت قىلغانلارغا ئالتە ئايغىچە قاماق جازاسى بېرىلىدىغانلىقى، 50 مىڭدىن 100 مىڭغىچە فىلىپپىن پېسوسى (882 دوللاردىن 1764 دوللارغىچە) جەرىمانە قويۇلىدىغانلىقى ياكى ھەر ئىككى جازانىڭ بىرلا ۋاقىتتا بېرىلىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن.