تۈرك دۇنياسى
3 مىنۇت ئوقۇش
تۈرك دۇنياسىنىڭ مۇنەۋۋەرلىرى (01)
تۈركىستان پىرى: ئەخمەد يەسەۋىي
تۈرك دۇنياسىنىڭ مۇنەۋۋەرلىرى (01)
ۋۇنبىن، ىغىيىش، بىر، ئۈچ ۋە تۆت، بەش.
7 јануари 2025

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! «تۈرك دۇنياسىنىڭ مۇنەۋۋەرلىرى» ناملىق يېڭى بىر پروگراممىمىز بىلەن ھەممىڭلارنى قىزغىن قارشى ئالىمىز. پروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە «تۈركىستان پىرى: ئەخمەد يەسەۋىي» ھەققىدە توختىلىمىز.

قېنى ئۇنداقتا، خەلقئارالىق مۇناسىۋەتلەر مۇتەخەسسىسى دوكتور جەمىل دوغاچ ئىپەكنىڭ بۇ ھەقتىكى ئانىلىزىغا قۇلاڭ سالغايسىلەر!

*** *** ***** *** *****

خوجا ئەخمەد يەسەۋىي تۈركلەرنىڭ دىنىي ۋە تەسەۋۋۇپىدا چوڭقۇر ئىز قالدۇرغان، «تۈركىستان پىرى» ئۇنۋانى بىلەن تونۇلغان ئۇلۇغ يېتەكچى ۋە شائىردۇر. يەسەۋىيە مەكتىپىنىڭ قۇرغۇچىسى سۈپىتىدە تونۇلغان ئەخمەد يەسەۋىي ئىسلام دىنىنىڭ تۈركلەر ئارىسىدا تارقىلىشى ۋە تەسەۋۋۇپنىڭ شەكىللىنىشىدە مۇھىم رول ئوينىغان.

ئەخمەد يەسەۋىينىڭ تۇغۇلغان ۋاقتى ئېنىق بولمىسىمۇ، 11-ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا دۇنياغا كەلگەنلىكى مۆلچەرلەنمەكتە. تۇغۇلغان جايى ھازىرقى قازاقىستان چېگرىسى ئىچىدىكى سايرام ياكى يەسى (ھازىرقى تۈركىستان) شەھەرلىرى  دەپ كۆرسىتىلىدۇ. ئاتىسى كارامەتلىرى بىلەن تونۇلغان ۋە ھەزرىتى ئەلى ئەۋلادىدىن ئىكەنلىكى قوبۇل قىلىنغان شەيخ ئىبراھىم، ئانىسى بولسا مۇسا شەيخنىڭ قىزى ئايشە خاتۇندۇر. كىچىك يېشىدا ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلغان ئەخمەد يەسەۋىي ھەمشىرىسى گەۋھەر شەھناز بىلەن يەسى شەھىرىگە ئورۇنلاشقان.

ئوقۇشىنى يەسىدە باشلىغان ئەخمەد يەسەۋىي ياش ۋاقتىدىلا كۆرسەتكەن مەنىۋى قابىلىيەتلىرى بىلەن ئەتراپىدىكىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان. رايوندا ئاڭلىغان ھەر خىل رىۋايەتلەرگە كۆرە، يەتتە يېشىدا خىزىرنىڭ يېتەكچىلىكىگە نائىل بولغان ۋە يەسىدە ئارسلان بابانىڭ ئوقۇغۇچىسى بولغان. ئارسلان بابانىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن، شۇ دەۋرنىڭ مۇھىم ئىلىم مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان بۇخاراغا بېرىپ، شەيخ يۈسۈپ ھەمەدانىينىڭ تەربىيەسى ئاستىغا كىرگەن. شەيخىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئۇنىڭ ئورنىغا ئۆتكەن بولسىمۇ، بىر مەزگىلدىن كېيىن بۇ ۋەزىپىنى ئابدۇلخالىق غۇجدۇۋانىيغا تاپشۇرۇپ، يەسىگە قايتقان ۋە ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە بۇ يەردە ئىرشاد پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرغان.

ئەخمەد يەسەۋىي ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسلىرى ۋە تەسەۋۋۇپنىڭ ئىنچىكىلىكلىرىنى تۈركچە بىلەن ئىپادىلەيدىغان «ھېكمەت» ناملىق شېئىرلار توپلىنى يازغان. بۇ ھېكمەتلەر ئىسلامغا يېڭى كىرگەن ياكى تېخى قوبۇل قىلمىغان تۈركلەر ئارىسىدا دىنىي بىلىملەر ۋە سوپىزم پىكىرلىرىنىڭ تارقىلىشىدا ئۈنۈملۈك رول ئوينىغان. ئۇنىڭ شەرىئەت بىلەن تەرىقەتنى ماسلاشتۇرۇپ بىرلەشتۈرۈشى، يەسەۋىيە مەكتىپىنىڭ تۈركلەر ئارىسىدا تېز تارقىلىشىغا تۈرتكە بولغان. يەسەۋىينىڭ ئەڭ تونۇلغان خەلىپىلىرىدىن بىرى بولغان ھەكىم ئاتا (سۇلەيمان باقىرغانىي) ئۇنىڭ تەلىملىرىنى خارەزم (ھازىر ئۆزبېكىستان چېگرىسى ئىچىدە) رايونىدا داۋاملاشتۇرغان.

ئەخمەد يەسەۋىينىڭ ئەڭ تونۇلغان ئەسىرى «ھېكمەت» ناملىق  شېئىرللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دىۋانى ھېكمەتتۇر. بۇ ئەسەر ئىسلام دىنىنىڭ تۈركلەر ئارىسىدا چۈشىنىشلىك تىل بىلەن تارقىلىشىغا تۆھپە قوشقان. ھېكمەتلىرىدە ئاددىي تۈركچە قوللىنىپ، دىنىي ۋە تەسەۋۋۇپ تېمىلارنى خەلق چۈشىنەلەيدىغان شەكلىدە بايان قىلغان. ئۇنىڭ بۇ ئۇسلۇبى تۈرك تەسەۋۋۇپ ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىي قىلىشىدا يېتەكچىلىك رول ئوينىغان.

ئەخمەد يەسەۋىينىڭ تەسىرى پەقەت ياشىغان دەۋرى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، كېيىنكى ئەسىرلەردىمۇ داۋاملاشقان، بۈگۈنمۇ دەۋردىمۇ داۋاملاشماقتا. ئانادولۇدا تەرەققىي قىلغان تەسەۋۋۇپ ھەرىكەتلىرىگىمۇ تەسىر كۆرسەتكەن، بولۇپمۇ ھاجى بەكتاش ۋەلى، ھاجى بايرام ۋەلى قاتارلىق سوپى يېتەكچىلەر ئۇنىڭ ئىزىدىن ماڭغان. بۇنىڭدىن باشقا، يەسەۋىينىڭ ھېكمەتلىرى تۈركىستاندىن بالقانلارغىچە بولغان كەڭ بىر جۇغراپىيەدە سوپىزم پىكرىنىڭ تارقىلىشىدا مۇھىم ۋاستە بولغان.

ئەخمەد يەسەۋىينىڭ ھاياتى ھەر خىل رىۋايەتلەر بىلەن بېيىتىلغان بولۇپ، بولۇپمۇ ئارسلان بابا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ۋە ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن ئالغان ئامانەتلەر توغرىسىدىكى رىۋايەتلەر ئۇنىڭ مەنىۋى بۈيۈكلۈكىنى تەكىتلەيدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، 63 يېشىغا كەلگەندە ھەزرىتى مۇھەممەدنىڭ ۋاپات يېشىغا ھۆرمەت قىلىپ يەر ئاستىغا چېكىنگەنلىكى ۋە ھاياتىنىڭ قالغان قىسمىنى شۇ يەردە ئۆتكۈزگەنلىكى مەلۇم. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ خەلق ئارىسىدىكى ھۆرمىتىنى ئاشۇرغان ۋە تەلىملىرىنىڭ ئومۇملىشىشىنى ئاسانلاشتۇرغان.

يەسەۋىينىڭ مەقبىرىسى يەسى شەھىرىگە جايلاشقان بولۇپ، بۇ مەقبىرە ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بىر ئىرپان مەركىزىگە ئايلانغان. تىمۈر دەۋرىدە قايتىدىن ياسالغان مەقبىرە بىناكارلىق سەنئىتى جەھەتتىنمۇ مۇھىم بىر ئەسەر ھېسابلىنىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە ئەخمەد يەسەۋىينىڭ مەقبىرىسى ۋە ئەتراپى يۇنېسكو دۇنيا مىراسلىرى تىزىملىكىدە ئورۇن ئالماقتا ۋە نۇرغۇن زىيارەتچىلەر تەرىپىدىن زىيارەت قىلىنماقتا.

**** * *** *****

ئەخمەد يەسەۋىي ئىسلام دىنىنىڭ تۈركلەر ئارىسىدا تارقىلىشى ۋە تەسەۋۋۇپ پىكرىنىڭ شەكىللىنىشىدە ھالقىلىق رول ئوينىغان بولۇپ،  ئۇنىڭ ئاددىي تىل بىلەن يازغان ھېكمەتلىرى دىنىي بىلىملەرنىڭ كەڭ ئاممىغا يېتىپ بېرىشىنى ئىشقا ئاشۇرغان ۋە تۈرك تەسەۋۋۇپ ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسىنى تىكلىگەن. يەسەۋىينىڭ مىراسى پەقەت ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، ئانادولۇدىن بالقانلارغىچە بولغان كەڭ بىر جۇغراپىيەدە تەسىرىنى داۋاملاشتۇرغان. بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئۇنىڭ تەلىملىرى ۋە ئەسەرلىرى تەسەۋۋۇپ پىكرىنى چۈشىنىشتە مۇھىم مەنبە سۈپىتىدە قارىلىدۇ.

*** ***** ******* ****

قەدىرلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! يۇقىرىدا خەلقئارالىق مۇناسىۋەتلەر مۇتەخەسسىسى دوكتور جەمىل دوغاچ ئىپەكنىڭ ئانالىزىنى ئاڭلىدىڭلار. كېلەر ھەپتە يەنە باشقا يېڭى مۇنەۋۋەرلىرىمىز بىلەن تونۇشقىچە ئامان بولغايسىلەر.  خەيرلىك خوش.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە بىلەن ئەنگلىيە سۈرىيەگە قويۇلغان چەكلىمىلەرنى شەرتسىز بىكار قىلىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىريۇسسېلدا ھەممىلا يەردە جاسۇسلار نىڭ بارلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: لىۋاندىكى ئۇرۇش توختىتىش  كېلىشىمىدىن خۇرسەنمىز
ترامپ ۋە مودى ھىندىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى كۆرمەسكە سالدى
غەززەنىڭ كۆزى: پلېستىيا ئەلئەققادنىڭ پەلەستىندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى چۈشەندۈرۈش كۈرىشى
تۈركىيە تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى تۈركىيەنىڭ دۇنيادىكى تونۇشىنى ئۆزگەرتىۋاتىدۇ
ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى دەۋرىدىكى رامىزان ۋە ھۇزۇر مۇنازىرىلىرى
ئوتتۇز كۈنلۈك غەلىبە: 1897-يىلدىكى ئوسمانلى -گىرېتسىيە ئۇرۇشى
تۈركىيە «تېخىمۇ ئادىل بىر دۇنيا» بەرپا قىلىش ئۈچۈن خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى چاقىرماقتا
داتچادىكى ئوسمانلى دەۋرىگە ئائىت كېمە چۆكۈپ كېتىش ۋەقەسى
تارىخىي «رىگاتا» سۇ تەنتەربىيەسى بايرىمى نىگېرىيەنىڭ مەدەنىيەت مىراسىنى نامايان قىلدى
جەنۇبىي كورېيە پارلامېنت ئەزالىرى پىرېزىدېنتنىڭ جىددىي ھالەت جاكارلاش قارارىنى رەت قىلدى
گىرۇزىيە ئەڭ يۇقىرى سوت مەھكىمىسى پىرېزىدېنتنىڭ سايلام نەتىجىسىنى بىكار قىلىش تەلىپىنى رەت قىلدى
نېپال بىلەن خىتاي «بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشى» تۈرى توغرىسىدا رامكا كېلىشىمى ئىمزالىدى
جەنۇبىي كورىيە ساقچى ئىدارىسى «توپىلاڭ» سەۋەبىدىن پىرېزىدېنتنى تەكشۈرۈشكە باشلىدى
TRT Global نى كۆرۈپ چىقىڭ. پىكىرلىرىڭىزنى ھەمبەھىرلەڭ!
Contact us