خۇاۋېينىڭ يېڭى سۈنئىي ئەقىل ئۆزىكى نېمە ئۈچۈن ئامېرىكالىقلارنى بىئارام قىلىدۇ؟
پىكىر
4 مىنۇت ئوقۇش
خۇاۋېينىڭ يېڭى سۈنئىي ئەقىل ئۆزىكى نېمە ئۈچۈن ئامېرىكالىقلارنى بىئارام قىلىدۇ؟خۇاۋېينىڭ ئەڭ يېڭى سۈنئىي ئەقىل (AI) ئۆزەك (چىپ) لايىھەسى ۋاشىنگتون بىلەن بېيجىڭ ئوتتۇرىسىدىكى تاموژنا باجلىرى سەۋەبىدىن سودا ئۇرۇشلىرى كۈچىيىۋاتقان بىر ۋاقىتتا ئىلگىرىلىمەكتە.
Huawei hopes its latest Ascend AI chip will outperform Nvidia’s H100, with the first samples expected by late May. / Reuters
7 jam yang lepas

خىتاي ئامېرىكانىڭ تېخنىكىلىق چەكلىمىلىرىدىن قۇتۇلۇپ، يەر شارى ئۆزەك رىقابىتىدە يول تاپالامدۇ؟

خىتاينىڭ خۇاۋېي تېخنىكا شىركىتى ئۆزىنىڭ ئەڭ ئىلغار سۈنئىي ئەقىل پىروگراممىسىنى سىناق قىلىشقا تەييارلىق قىلماقتا. خۇاۋېي ئامېرىكانىڭ ئەڭ داڭلىق ئۆزەك ئىشلەپچىقارغۇچىسى ئېنۋىدىيا (Nvidia) نىڭ ئۆزەكلىرى بىلەن رىقابەتلىشىشنى مەقسەت قىلىدۇ.

خۇاۋېينىڭ «Ascend 910D» دېيىلىدىغان ئۆزىكى ھازىرچە تەرەققىيات باسقۇچىدا بولسىمۇ، خەلقئارادا دىققەت قوزغىماقتا. خۇاۋېي بۇ ئۆزەكنىڭ ئىقتىدارىنى سىناق قىلىش ئۈچۈن باشقا خىتاي شىركەتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىشقا باشلىدى، چۈنكى ئۇ ئېنۋىدىيانىڭ سۈنئىي ئەقىل ئۆزىكى بىلەن بىلەن رىقابەتلىشىدۇ.

ئامېرىكانىڭ داڭلىق تېخنىكا شىركىتى ئېنۋىدىيانىڭ يۇقىرى ئىقتىدارلىق ئۆزەكلىرىنى خىتايغا ئېكسپورت قىلىش چەكلەنگەن بولۇپ، بۇ ئامېرىكانىڭ بېيجىڭنىڭ تېخنىكا دۇنياسىدىكى يۈكسېلىشىنى ئاستىلىتىش ئۈچۈن قوللانغان تەدبىرىنىڭ بىر قىسمى. لېكىن، تەنقىدچىلەر بۇ ھەرىكەتنىڭ تەتۈر ئۈنۈم بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

«سېمى ئانالىز»  (SemiAnalysis) نىڭ باش تەھلىلچىسى دىلان پاتېل (Dylan Patel) ئامېرىكانىڭ خىتايغا قارشى ئۆزەك ئېكسپورتى چەكلىمىلىرىنى «بۇرنىنىڭ ئۇچىنى كۆرۈش» دەيدۇ.

خۇاۋېينىڭ باشقۇرغۇچىلىرى «910D»  نىڭ بەزى جەھەتلەردە «H100»  دىن ياخشى بولۇشىنى ئۈمىد قىلماقتا. دەسلەپكى نۇسخىلارنى سىناق قىلغان شىركەتلەر ئۇنىڭ ئىقتىدارىنى تولۇق تەكشۈرۈپ بولالمىدى. ماي ئېيىنىڭ ئاخىرىغىچە بىر تۈركۈم ئۈلگە ئۆزەكلەرنىڭ بازارغا سېلىنىشى كۈتۈلمەكتە.

«سېمى ئانالىز»  نىڭ  مۇتەخەسسىسى ئا.ج كوۋرابى (AJ Kourabi): « بۇ بىر مۇھىم تەرەققىيات، چۈنكى بۇرۇن خىتاي شىركەتلىرى چوڭ كۆلەمدە سۈنئىي ئەقىلنى ئۆگىتىش ۋە مودېل ئۈچۈن ئېنۋىدىيانىڭ  ئۆزەكلىرىنى ئىشلىتىشكە مەجبۇر ئىدى. خۇاۋېينىڭ ئۆزەك ئىشلەپچىقىرىشى شىركەتنىڭ مەشغۇلات مۇستەقىللىقىغا پايدىلىق. بۇ ئەھۋال خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئامېرىكا شىركەتلىرىگە يېتىشىۋېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى ئۈچۈن <يوشۇرۇن خەۋپ> دەپ قارالدى. خۇاۋېينىڭ تۈرلۈك چەكلىمىلەر ئاستىدىمۇ ئىلگىرىلىشى، باشقا ساھەلەردىمۇ دىققەت قوزغاشقا باشلىدى. ئۆتكەن يىل (2024) نىڭ ئاخىرلىرىدا <Mate 7> تېلېفونىنى بازارغا سېلىپ زور تەسىر پەيدا قىلدى. بۇ تېلېفونلارغا يېڭىدىن تەرەققىي قىلدۇرۇپ ياسالغان <HiSilicon> ئۆزەكلىرى  سەپلەنگەن» دەيدۇ.

بۇ ئىلگىرىلەش ۋاشىنگتوننىڭ ئۆزەك چەكلىمىلىرى خۇاۋېينىڭ ئۆزەك ياساش ئارزۇسىنى زور دەرىجىدە توسۇپ قالىدۇ، دەپ ئويلىغان كەسىپ كۆزەتكۈچىلىرىنى ھەيران قالدۇردى. بىراق، يېقىنقى تەرەققىياتلار بۇ كۆز قاراشلارنى ئۆزگەرتىۋەتتى. ھازىر خۇاۋېينىڭ دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان تېخنىكا شىركەتلىرىگە جەڭ ئېلان قىلىش ئىقتىدارىغا بولغان ئىشەنچ پەقەت خىتاي بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىدى.

ئۆتكەن ئايدا، ئېنۋىدىيانىڭ تەيۋەنلىك – ئامېرىكا پۇقراسى ۋە شىركەتنىڭ قۇرغۇچىسى جېنسېن خۇاڭ خۇاۋېينى «خىتايدىكى ئەڭ كۈچلۈك تېخنىكا شىركىتى» دەپ ئاتاپ مۇنداق دېدى: « ئۇلار ھەر بازاردا غەلىبە قىلدى.  بۇ شىركەتنى چەكلەش ھەرىكەتلىرى ياخشى ئەمەس، چۈنكى ئۇلار چەكلىمە تەدبىرلىرىنى مەغلۇب قىلدى.»

ئۇنىڭ سۆزلىرى ئېنۋىدىيانىڭ يىللىق كىرىمىنىڭ تەخمىنەن %20 دىن %25 كىچە بولغان قىسمىنى تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتقاندا، تېخىمۇ ئەھمىيەتكە ئىگە.

ئەگەر خىتاي شىركەتلىرى خۇاۋېيغا ئوخشاش يەرلىك شىركەتلەرگە يۈزلىنىشكە باشلىسا، بۇ سىياسىي جەھەتتىنلا ئەمەس، بەلكى ئامېرىكا تېخنىكا گىگانتلىرىنىڭ مالىيە بالانسلىرىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن.

ئۆز-ئۆزىنى قامدىيالايدىغان سۈنئىي ئەقىل ئىقتىدار ئېكوسىستېمىسىمۇ؟

خۇاۋېي ئامېرىكانىڭ مۇھىم تېخنىكىلار ۋە بازارلارغا كىرىشىنى چەكلەش مەقسىتىدىكى كۈچەيگەن چەكلىمىلىرىگە قارىماي، كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى. شېنجېندىكى بۇ شىركەت خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان سۈنئىي ئەقىل ئۆزەكلىرىنىڭ %75 تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ.

«سېمى ئانالىز»  نىڭ مۇتەخەسسىسى گرېيس شاۋ (Grace Shao): «خىتاي سۈنئىي ئەقىل شىركەتلىرى ئۆزەك سېتىۋېلىپ زاپاسلاشنى باشلىدى. خۇا ۋېينىڭ <910C > نى بازارغا سېلىشى خىتايدىكى ئېكوسىستېمىنى پۈتۈنلەي بۇزۇپ، ئېنۋىدىيانىڭ <A100 > ئۆزىكىنىڭ كۈچلۈك رىقابەتچىسى بولۇپ قالدى.»  

خۇا ۋېينىڭ كونا سۈنئىي ئەقىل ئۆزەكلىرى خىتايدىكى خەلقئارا  يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئىشلەپچىقىرىش شىركىتى   (SMIC)  تەرىپىدىن ياسالغان. بۇ ئۆزەكلەر دە(TSMC) ۋە سامسۇڭ (Samsung) ئىشلىتىدىغان 4 نانومېتىر تېخنىكىسىغا قارىغاندا ئانچە ئىلغار بولمىغان 7 نانومېتىر تېخنىكىسى ئىشلىتىلگەن.

مۇتەخەسسىسلەر: «لېكىن، بۇ ئۆزەكلەردە زور ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. ياخشى ياسالغان ئۆزەكلەرنىڭ نىسبىتى تەخمىنەن %20 دىن %40 كىچە چىقتى. بۇ ئىلگىرىلەش SMIC نىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرگەنلىكى ۋە ئىسراپچىلىقنى ئازايتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ مۇھىم تەرەققىيات كۆرسەتكۈچى. يەنە كېلىپ، بۇ تەرەققىيات بېيجىڭنىڭ كۆپ يىللىق يەرلىك ئۆزەك تەرەققىياتىنى قوغلىشىشى بىلەن ماس كېلىدۇ. بۇ پەقەت سىياسىي جاۋاب بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە /ۇزۇن مۇددەتلىك دۆلەت ئىستراتېگىيەسى» دەيدۇ.

كوۋرابى ت ر ت ۋورلد (TRT World) قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ: «خىتاي ئۇزۇندىن بېرى يەرلىك ئىقتىدارلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا كۆڭۈل بۆلۈپ كەلمەكتە ئىدى. ئامېرىكانىڭ ئېكسپورت چەكلىمىلىرى ئۆزەك ئىشلەپچىقىرىش جەھەتتىكى تىرىشچانلىقلارنىڭ سۈرئىتىنى تېزلەتكەن بولۇشى مۇمكىن، لېكىن يەرلىك ئىشلەپچىقىرىشنى باشلاشقا يالغۇز بۇ چەكلىمىلەر سەۋەب بولدى دېيىشكە بولمايدۇ. خۇاۋېينىڭ ئۆزىنى ئۆزى تەمىنلەيدىغان سۈنئىي ئەقىل ئېكوسىستېما بەرپا قىلىش ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى بىلەن، خىتاينىڭ سۈنئىي ئەقىل ساھەسىدە ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىش  يوشۇرۇن كۈچى بارلىققا كەلدى» دەيدۇ.

خۇاۋېي قۇرغۇچىسى رېن جېڭفېي خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە، خىتاينىڭ قانچىلىك ئالغا ئىلگىرىلىگەنلىكى ئۈستىدە توختىلىپ، دۆلەتنىڭ ئەمدى ئۆزىنى «يادرو ۋە روھىي جەھەتتە كەمچىل» ھېس قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

بۇ سۆز  1999-يىلى تۇنجى قېتىم سۆزلەنگەن بولۇپ، خىتاينىڭ غەرب تېخنىكىسىغا تايىنىشچانلىقىغا قارىتا دېيىلگەن ئىدى. بۇ يەردىكى «يادرو» يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئۆزەكلەرنى، «روھ» بولسا مەشغۇلات سىستېمىلىرىنى كۆرسىتىدۇ.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە بىلەن ئەنگلىيە سۈرىيەگە قويۇلغان چەكلىمىلەرنى شەرتسىز بىكار قىلىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىريۇسسېلدا ھەممىلا يەردە جاسۇسلار نىڭ بارلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: لىۋاندىكى ئۇرۇش توختىتىش  كېلىشىمىدىن خۇرسەنمىز
ترامپ ۋە مودى ھىندىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى كۆرمەسكە سالدى
غەززەنىڭ كۆزى: پلېستىيا ئەلئەققادنىڭ پەلەستىندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى چۈشەندۈرۈش كۈرىشى
تۈركىيە تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى تۈركىيەنىڭ دۇنيادىكى تونۇشىنى ئۆزگەرتىۋاتىدۇ
ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى دەۋرىدىكى رامىزان ۋە ھۇزۇر مۇنازىرىلىرى
ئوتتۇز كۈنلۈك غەلىبە: 1897-يىلدىكى ئوسمانلى -گىرېتسىيە ئۇرۇشى
تۈركىيە «تېخىمۇ ئادىل بىر دۇنيا» بەرپا قىلىش ئۈچۈن خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى چاقىرماقتا
داتچادىكى ئوسمانلى دەۋرىگە ئائىت كېمە چۆكۈپ كېتىش ۋەقەسى
تارىخىي «رىگاتا» سۇ تەنتەربىيەسى بايرىمى نىگېرىيەنىڭ مەدەنىيەت مىراسىنى نامايان قىلدى
جەنۇبىي كورېيە پارلامېنت ئەزالىرى پىرېزىدېنتنىڭ جىددىي ھالەت جاكارلاش قارارىنى رەت قىلدى
گىرۇزىيە ئەڭ يۇقىرى سوت مەھكىمىسى پىرېزىدېنتنىڭ سايلام نەتىجىسىنى بىكار قىلىش تەلىپىنى رەت قىلدى
نېپال بىلەن خىتاي «بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشى» تۈرى توغرىسىدا رامكا كېلىشىمى ئىمزالىدى
جەنۇبىي كورىيە ساقچى ئىدارىسى «توپىلاڭ» سەۋەبىدىن پىرېزىدېنتنى تەكشۈرۈشكە باشلىدى
TRT Global نى كۆرۈپ چىقىڭ. پىكىرلىرىڭىزنى ھەمبەھىرلەڭ!
Contact us