يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، ترامپ ھۆكۈمىتى ئامېرىكادا ئوقۇۋاتقان، كىچىك تىپتىكى قانۇنسىز ئىشلارغا ئارىلىشىپ قالغان ياكى سوت تەرىپىدىن گۇناھسىز دەپ ھۆكۈم قىلىنغان مىڭلارچە چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىنىڭ ۋىزىسىنى قايتا كۈچكە ئىگە قىلدى.
«‹Politico› گېزىتى» خەۋىرىگە قارىغاندا، كەم دېگەندە 23 ئىشتاتتا 100 دىن ئارتۇق سوتقا ئەرز سۇنۇش ۋەقەسىدىن كېيىن، مىڭلارچە چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋىزىسىنى قايتا كۈچكە ئىگە قىلغان. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، 50 تىن ئارتۇق ئەرزنامەدە، سوتچىلار «ۋىزىلار خالىغانچە ۋە قانۇنسىز ھالدا بىكار قىلغان» دەپ قاراپ، ۋىزىلارنى بىكار قىلىش باسقۇچلىرىغا خاتىمە بېرىش توغرۇلۇق قارار چىقارغان.
«‹Inside Higher Ed› خەۋەر ئاگېنتلىقى» نىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، 24-ئاپرېلغىچە 280 دىن ئارتۇق ئالىي تېخنىكوم ۋە ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىسى بىلەن 1800 دىن ئارتۇق خەلقئارالىق ئوقۇغۇچى ۋە يېڭى ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەرنىڭ قانۇنىي سالاھىيىتى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئۆزگەرتىلگەن. يەنى ئۇلارنىڭ ۋىزىسى قايتا كۈچكە ئىگە قىلىنغان.
ئىگىلىنىشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يېقىندا ۋىزىسى بىكار قىلىنغان ئوخشاش ئەھۋالدىكى باشقا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋىزىسىنىمۇ قايتا كۈچكە ئىگە قىلىش - قىلماسلىقى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس ئىكەن.
ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋىزىلىرىنى كۆپ ھاللاردا خەۋەر بەرمەستىنلا بىكار قىلىشى ۋە بەزى ئوقۇغۇچىلارنى چېگرادىن چىقىرىۋېتىشى بۇ دۆلەتتە سۆز ئەركىنلىكىگە قارىتا ئەندىشىلەرنى پەيدا قىلدى، بۇ چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنى ئامېرىكادا ئوقۇشتىن مەھرۇم قىلىشتا مۇھىم رول ئوينىدى.
پەلەستىنلىك كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى دۇچ كېلىۋاتقان بېسىملار
ترامپ ھۆكۈمىتى ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنىڭ مەكتەپ قورۇلىرىدىكى پەلەستىننى قوللاپ ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلار ۋە باشقا مەسىلىلەر ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا بېسىم ئىشلىتىشكە باشلىدى. بۇ بېسىم، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ پەيشەنبە كۈنى ئېتىراپ قىلغىنىدەك، كولۇمبىيىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى مەھمۇد خەلىلنىڭ تۇتۇش بۇيرۇقى بولماستىنلا تۇتقۇن قىلىنىشى بىلەن باشلاندى.
ترامپ مەھمۇد خەلىلنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىنى خۇشاللىق بىلەن قارشى ئېلىپ، بۇنىڭ «تۇتقۇن قىلىنغۇسى كۆپلىگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىرىنچىسى» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
خەلىل تۇتقۇن قىلىنىپ بىرقانچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، جورجتوۋن ئۇنىۋېرسىتېتىدا تەتقىقاتچى بولغان يەنە بىر پەلەستىن تەرەپدارى ئوقۇغۇچى بەدەر خان سۇرى تۇتقۇن قىلىندى. سۇرىنىڭ ئادۋوكاتى ئۇنىڭ ئايالى پەلەستىنلىك بولغانلىقى ئۈچۈنلا تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.
سۇرى تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن، دائىرىلەر يەنە بىر پەلەستىن تەرەپدارى ئوقۇغۇچى مومودو تالدىن تەسلىم بولۇشىنى تەلەپ قىلدى.
25-مارت كۈنى كولۇمبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى يۇنسېئو چۇڭ، ئالدىنقى يىلى باھاردا پەلەستىننى قوللاش نامايىشىغا قاتناشقانلىقى سەۋەبىدىن چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىۋېتىلمەكچى بولغاندا، ترامپ ھۆكۈمىتى ئۈستىدىن سوتقا ئەرز سۇنغالىقىنى ئۇقتۇردى.
يەنە 25-مارت كۈنى، تۇفتس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتورلۇقتا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىسى رۇمەيسا ئۆزتۈرك، غەززەدىكى قىرغىنچىلىقنى تەنقىد قىلغىنى ئۈچۈن ئامېرىكا دائىرىلىرى تەرىپىدىن كۈندۈزى تۇتۇپ كېتىلدى.
ئالدىنقى ھەپتە، پەلەستىن تەرەپدارى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ۋە كولۇمبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى موھسىن مەھدۋاي، ئامېرىكا پۇقرالىقىغا ئۆتۈش سۆھبىتى جەريانىدا تۇتقۇن قىلىندى.
بۇنىڭدىن باشقا يەنە، نۇرغۇن ئوقۇغۇچى يا قولغا ئېلىندى ياكى ئۆز ئىرادىسى بىلەن بۇ دۆلەتنى تەرك ئەتتى.