موسۇلدا ئېچىلغان، مۇھىت ئاسراشنى نىشان قىلىدىغان تۇنجى كۆچمە كۈتۈپخانا مائارىپ، پاكىز ئېنېرگىيە ۋە جەمئىيەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن ئۈمىد چىرىغى ياندۇردى.
ئىراقلىق ئاكادېمىك دوكتور ئابدۇسساتتار ئابدۇلجاببار ھامبۇرگ كوچىلىرىدا كۆرگەن كۆچمە كۇتۇپخانىدىن ئىلھام ئېلىپ، مۇسۇلدا كۆچمە كۇتۇپخانا ئېچىلىشىدا يېتەكچىلىك رولى ئوينىدى.
بۇ تۈرنى ئەرەب-گېرمان ياشلار ئىلىم - پەن ۋە ئىنسانشۇناسلىق پەنلىرى ئاكادېمىيەسى موسۇل مىراس فوندى جەمئىيىتى ۋە كورېك تېلېگراف شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىشقا ئاشۇردى. بەش قۇياش ئېنېرگىيەلىك باتارېيە تاختىسى ئىشلىتىلگەن كۆچمە كۇتۇپخانا پاكىز ئېنېرگىيەنىڭ ئىشلىتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ۋە ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ ياردىمىدە ئوقۇرمەنلەرگە ئازادە مۇھىت يارىتىپ بېرىدۇ.
كۆچمە كۇتۇپخانىدا موسۇل ئاھالىلىرى ۋە كۈتۈپخانىلار ئىئانە قىلغان مىڭدىن ئارتۇق كىتاب بار. قول كومپيۇتېرلار 1 مىليون 500 مىڭ ھەقسىز ئېلېكترونلۇق كىتاب ۋە تور ئۇلىنىشى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
موسۇل ئاھالىلىرى مائارىپ ۋە مۇھىت ئېڭىغا ئەھمىيەت بەرگەنلىكى ئۈچۈن بۇ تۈرنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەنلىكىدىن ئىنتايىن خۇرسەن. كۆچمە كۇتۇپخانا ئۇرۇشتىن كېيىن موسۇلدىكى مەدەنىيەتنىڭ گۈللىنىشىنىڭ سىمۋولىغا ئايلاندى.
كۆچمە كۈتۈپخانا موسۇلنىڭ ئەتراپىنى ئايلىنىپ مەكتەپ ۋە ئۇنىۋېرسىتېتلارغا يېتىپ بارىدۇ. بۇ تۈر نىنەۋە قەدىمىي شەھىرى خارابىسى بار موسۇلدىكى مەدەنىيەت ۋە ئىلمىي مىراسلارنى جانلاندۇرىدۇ.
بۇ تۈر بولۇپمۇ دائېش ۋەقەلىرى جەريانىدا كىتاب ئوقۇش پۇرسىتى ئىزدىگەن ياشلار ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. كۆچمە كۇتۇپخانا مۇقىم كۈتۈپخانىلارغا كىرىشتە قىينىلىدىغان ئوقۇرمەنلەرگە قۇلايلىق يارىتىپ بېرىدۇ. موسۇلدىكى كۆچمە كۇتۇپخانا پەقەت كىتابلارغا ئېرىشىشنى قولايلاشتۇرۇپلا قالماي، يەنە ئىجتىمائىي ھەمكارلىق ۋە مۇھىت ئېڭىنىمۇ كۈچەيتمەكتە.