جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئۆتكەن يىلى 9-دېكابىردىن بۇيان تۈركىيەدىن ئۆز ۋەتىنىگە قايتقان سۈرىيەلىكلەر سانىنىڭ 200 مىڭغا يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
ئەردوغان دۈشەنبە كۈنى «تۈركىيە يۈزيىلى» ناملىق كۆچمەنلىك مەسىلىلىرىنى باشقۇرۇش پائالىيىتىدە سۆز قىلىپ، «تۈرلۈك قىيىنچىلىقلار، توسالغۇلار ۋە بۇزغۇنچىلىقلارغا قارىماي» سۈرىيەنىڭ ئاستا-ئاستا ئەسلىگە كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ: «سۈرىيەنىڭ نورماللىشىشىغا ئەگىشىپ، قايتىپ كېلىدىغانلارنىڭ سانىمۇ تېز ئېشىشقا باشلىدى» دېدى.
ئەردوغان يەنە دۈشەنبە كۈنى X [ئىلگىرىكى تۋىتتېر] سۇپىسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، «ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن، بىخەتەر ۋە ئىززەت-ھۆرمىتىنى ساقلىغان ھالدا» ۋەتىنىگە قايتقانلارنىڭ ئومۇمىي سانىنىڭ 931 مىڭ 450 كىشىگە يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ يېقىنقى ئەسىردىكى ئەڭ چوڭ ئىنسانىيەت سىناقلىرىدىن بىرىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئۆتكەنلىكىدىن پەخىرلىنىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.
«دۇنيا نوپۇسىنىڭ %3.6 ى ھازىر كۆچمەن سۈپىتىدە ياشاۋاتىدۇ»
خەلقئارا كۆچمەنلەر تەشكىلاتىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، ھازىر دۇنيا مىقياسىدا 281 مىليوندىن ئارتۇق كۆچمەن بارلىقىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان، كۆچمەن ئىشچىلار سانىنىڭ 165 مىليوندىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.
ئۇرۇشلارنىڭ تەسىرىدە يېقىنقى ئۈچ-تۆت يىلدا مۇھاجىرلار سانىنىڭ 120 مىليونغا يەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئەردوغان، «سانلىق مەلۇماتلار توقۇنۇش، زۇلۇم ياكى تېررورلۇق سەۋەبىدىن ھەر مىنۇتتا كەم دېگەندە 20 كىشىنىڭ كۆچمەن بولۇشقا مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ» دېدى.
دۇنيا نوپۇسىنىڭ %3.6 ىنىڭ ھازىر كۆچمەن سۈپىتىدە ياشاۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان، ئۇرۇشلارنىڭ ئۇزىراپ كېتىشى، كىرىزىسلەرنىڭ ھەل بولماسلىقى ۋە كېلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ تەسىرىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، بۇ نىسبەتلەرنىڭ ھەسسىلەپ ئېشىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىدى.
تۈركىيە 4 مىليون سۈرىيەلىكنى كۈتۈۋالدى
«كىشىلەرنى كۆچمەن بولۇشقا مەجبۇرلاۋاتقان ئامىللار ئاساسەن غەرب كۈچلىرىنىڭ سىياسەتلىرى بولسىمۇ، ئەمما ئىشنى [يەنى مەسئۇلىيەتنى] ئۈستىگە ئېلىشقا كەلگەندە، ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسىنى كۆرەلمەيسىز» دېگەن ئەردوغان، دۇنيادىكى مۇھاجىرلارنىڭ %75 ىنىڭ باي دۆلەتلەر تەرىپىدىن ئەمەس، بەلكى تۆۋەن ۋە ئوتتۇراھال كىرىملىك دۆلەتلەر تەرىپىدىن كۈتۈۋېلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
13 يىللىق سۈرىيە ئىچكى ئۇرۇشى جەريانىدا، تۈركىيە تەخمىنەن 4 مىليون سۈرىيەلىك مۇھاجىرنى كۈتۈۋالدى؛ ئۇ بۇ جەھەتتە باشقا بارلىق دۆلەتلەردىن كۆپ مۇھاجىرنى كۈتۈۋالغان دۆلەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
تەخمىنەن 25 يىل سۈرىيەنى باشقۇرغان بەششار ئەسەد، دېكابىردا رۇسىيەگە قېچىپ كەتتى ۋە 1963-يىلى باشلانغان بەئس پارتىيەسىنىڭ ئون يىللارچە داۋاملاشقان ھاكىمىيىتى ئاخىرلاشتى.
يانۋار ئېيىنىڭ ئاخىرىدا، ئىلگىرىكى ئاساسىي قانۇن، بىخەتەرلىك ئورگانلىرى، قوراللىق گۇرۇپپىلار، پارلامېنت ۋە بەئس پارتىيەسىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان بىر ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەت قۇرۇلدى.