19-ئەسىر ئوسمانلى رەسسامى ئوسمان ھامدى ئەپەندى (بەي) يېقىندا قايتا بايقالغان بىر پارچە ماي بوياق رەسىمى، لوندوندا ئۆتكۈزۈلگەن كىمئارتۇق پائالىيىتىدە 1 مىليون ستېرلىڭغا سېتىلىپ، كوللېكسىيە يىغقۇچىلار ۋە مۇئەسسەسەلەرنىڭ زور قىزىقىشىنى قوزغىدى.
1881-يىلى ئىشلەنگەن «قەھۋە تەييارلاش» ناملىق بۇ ئەسەر، بىر ئەسىردىن ئارتۇق ۋاقىت ياۋروپادىكى خۇسۇسىي كوللېكسىيەلەردە ساقلانغاندىن كېيىن قايتا ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇ ئەسەر، شۇ دەۋردىكى مەشھۇر فوتوگرافلار ژان پاسكال سەباھ ۋە پولىكارپ جوئىللىئېر تەرىپىدىن تارتىلغان ئاق-قارا بىر فوتوسۈرەت ئارقىلىق مەلۇم ئىدى.
بۇ ئەسەر، 50 پارچە ئەسەر قويۇلغان كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش جەريانىدا ئەڭ يۇقىرى قىممەتكە ئېرىشكەن ئەسەر بولدى. مەزكۇر ماي بوياق رەسىم، سەيشەنبە كۈنى تېلېفون ئارقىلىق باھا تەكلىپى سۇنغان ئىسمى ئاشكارىلانمىغان بىر خېرىدار تەرىپىدىن سېتىۋېلىندى.
ئەسەر، دەسلەپتە 1910-يىللار ئەتراپىدا گىرۇزىيەلىك سەنئەت ئەسەرلىرى يىغقۇچىسى شاھزادە سادىق يادىگاروۋ تەرىپىدىن سېتىۋېلىنغان. كېيىن ئۇنىڭ ئوغلى ئارچىلغا مىراس قالغان ۋە 1930-يىللاردا ئارچىلنىڭ توي مۇناسىۋىتى بىلەن تۇغقان بولۇپ قالغان ۋېنالىق بىر خۇسۇسىي كوللېكسىيە يىغقۇچىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن. ئەسەر 2008-يىلىغىچە بۇ ئائىلىدە ساقلانغان.
شەرقشۇناسلىق سەنئىتى
شۇ ۋاقىتتىن ئېتىبارەن باشقا بىر ئاۋسترىيەلىك خۇسۇسىي كوللېكسىيەدە ساقلىنىۋاتقان بۇ ماي بوياق يېقىندا قايتا ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇ ئەسەردە، ئىستانبۇلدىكى توپقاپى سارىيىدىكى خىيالىي بىر ھەرەمخانا بىناسىنى ئەسلىتىدىغان، مول كاھىشلار بىلەن بېزەلگەن تۈۋرۈكلۈك بىر ئىچكى مەنزىرە ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئىككى ياش ئايالنىڭ مۇراسىملىق قەھۋە تەييارلاش پائالىيىتى تەسۋىرلەنگەن.
ماي بوياق رەسىمدىكى ماكان تەسەۋۋۇرىي بولسىمۇ، سوتبيېس كىمئارتۇق سودىسى كاتالوگىدا تەسۋىرلەنگىنىدەك، «ھەشەمەتلىك ۋە گۆھەردەك تەسىرات بېرىدىغان»، ئىنچىكە تەپسىلاتلارغا پەۋقۇلئاددە ئەھمىيەت بېرىلىپ ئىشلەنگەن.
ئوسمانلىنىڭ تونۇلغان بىر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان ئوسمان ھامدى ئەپەندى، 1860-يىللارنىڭ باشلىرىدا قانۇن كەسپىدە ئوقۇش ئۈچۈن پارىژغا ئەۋەتىلگەن، ئەمما ئۇ يەردە رەسساملىق ۋە ئارخېئولوگىيەگە يۈزلەنگەن.
غەرب سەنئەت تېخنىكىلىرىنى قوللىنىپ شەرققە خاس تېمىلارنى سىزغان ئوسمان ھامدى ئەپەندى، پەقەت 19-ئەسىردە كۈچىيىۋاتقان شەرق سەنئەت بازىرىنىڭ تەلىپىنى قاندۇرۇپلا قالماي، شۇنداقلا ئىسلام مەدەنىيىتىگە بولغان چوڭقۇر چۈشەنچىسى بىلەن ئوسمانلى تۇرمۇشىنى ئىنچىكىلىك بىلەن تەسۋىرلەپ بەرگەن.