سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
فىلىپپىن خىتاينىڭ دەتالاشلىق قىيا تاشلىقلارغا ئائىت «ئىگىلىك ھوقۇق» دەۋاسىنى رەت قىلدى
فىلىپپىن بىلەن خىتاي، ئىگىلىك ھوقۇق دەۋالىرىنىڭ قانۇنىي ئاساسىنىڭ يوقلۇقى توغرىسىدا خەلقئارالىق بىر قارارنىڭ بولۇشىغا قارىماي، جەنۇبىي خىتاي دېڭىزى مەسىلىسىدە بىر نەچچە ئايدىن بۇيان توقۇنۇشۇپ كەلمەكتە.
فىلىپپىن خىتاينىڭ دەتالاشلىق قىيا تاشلىقلارغا ئائىت «ئىگىلىك ھوقۇق» دەۋاسىنى رەت قىلدى
/ AP
28 April 2025

فىلىپپىن بىلەن خىتاي، ئىگىلىك ھوقۇق دەۋالىرىنىڭ قانۇنىي ئاساسىنىڭ يوقلۇقى توغرىسىدا خەلقئارالىق بىر قارارنىڭ بولۇشىغا قارىماي، بېيجىڭ بۇ دېڭىزنىڭ پۈتۈنلەي دېگۈدەك ھەممىسىدە ھەققى بارلىقىنى دەۋا قىلىۋاتقان جەنۇبىي خىتاي دېڭىزى مەسىلىسىدە بىر نەچچە ئايدىن بۇيان توقۇنۇشۇپ كەلمەكتە.

دۈشەنبە كۈنى فىلىپپىن، خىتاي دۆلەت تاراتقۇلىرىنىڭ جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى تالاش-تارتىشلىق بىر قىيا تاشنىڭ بېيجىڭنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدا ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن «مەسئۇلىيەتسىزلەرچە» خەۋىرىنى قاتتىق تەنقىد قىلىپ، بۇرۇنقى ھالەتنىڭ ئۆزگەرمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

سەندى كېي (Sandy Cay) قىيا تېشى، فىلىپپىن ئەسكەر ئورۇنلاشتۇرغان ۋە دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت پونكىتى قۇرغان تىتۇ (Thitu) ياكى پاگاسا (Pag-asa) ئارىلىغا يېقىن يەرگە جايلاشقان.

خىتاينىڭCCTV  شەنبە كۈنى، خىتاي دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت قىسىملىرىنىڭ ئاپرېل ئوتتۇرىلىرىدا سەندى كېينىڭ بىر قىسمى بولغان تىشيەن (Tiexian) قىيا تاشلىقىدا «دېڭىز كونتروللۇقىنى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى»نى خەۋەر قىلغانىدى.

فىلىپپىن دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشى باياناتچىسى جوناتان مالايا دۈشەنبە كۈنى ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، «خىتاي دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت قىسىملىرىنىڭ سەندى كېي قىيا تاشلىقلىرىنى ئىگىلىۋالغانلىقى توغرىسىدىكى تەشۋىقاتنىڭ ھېچقانداق رېئال ئاساسىي يوق» دېدى.

مالايا، «ئۇچۇر ساھەسىنى قورقۇتۇش ۋە پاراكەندىچىلىك سېلىشنىڭ خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن» ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، سەندى كېي توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنىڭ تارقىتىلىشى «مەسئۇلىيەتسىزلەرچە» بىر «ئۇيدۇرما» ھېكايە دېدى.

«ئىگىلىك ھوقۇقى قەسىمى»

خىتاينىڭ CCTV قانىلى شەنبە كۈنى تۆت دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت خادىمىنىڭ قىيا تاشنىڭ ئاق تەرىپىدە دۆلەت بايرىقى بىلەن چۈشكەن سۈرىتىنى ئېلان قىلىپ، بۇنى «ئىگىلىك ھوقۇقى قەسىمى» دەپ ئاتىغانىدى.

خىتاينىڭ سىپراتلى تاقىم ئاراللىرىدىكى بىر توپ كىچىك قۇم دۆڭلىرىدىن تەركىب تاپقان بۇ قىيالىققا مەڭگۈلۈك ئورۇنلاشقانلىقى ياكى بىرەر قۇرۇلۇش قىلغانلىقىغا ئائىت ھېچقانداق ئالامەت كۆرۈنمەيدۇ.

ھەم فىلىپپىن ھەم خىتاي دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەتچى قىسىملىرى يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ئېلان قىلغان باياناتلىرىدا، ئۆزلىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن قىيا تاشلىققا چىقىپ ۋەزىپە ئۆتىگەنلىكىنى ۋە مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

يېقىنقى ئايلاردا، بېيجىڭ بىلەن مانىلا بىر-بىرىنى جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى بەزى تالاش-تارتىشتىكى يەر شەكىللىرىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى بۇزۇش بىلەن ئەيىبلىمەكتە.

ئامېرىكا ۋە فىلىپپىن ئارمىيەلىرى رايوندا بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزمەكتە. بېيجىڭ بۇ مانېۋىرنى رايون مۇقىملىقىغا تەھدىت دەپ قارىماقتا.

ئۆتكەن ھەپتە باشلانغان ئىككى تەرەپلىك «بالىكاتان» ناملىق مانېۋىردىن بۇيان، خىتاي ئۇرۇش پاراخوتلىرى فىلىپپىن دېڭىز تەۋەلىكىدە كۆرۈلگەنلىكى، ھەمدە شەندۇڭ ناملىق ئاۋىياماتكىنىڭ شىمالدىكى بابۇيان ئارىلىنىڭ 2.23 دېڭىز مىلى (تەخمىنەن تۆت كىلومېتىر) يېقىنىغىچە كەلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە بىلەن ئەنگلىيە سۈرىيەگە قويۇلغان چەكلىمىلەرنى شەرتسىز بىكار قىلىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىريۇسسېلدا ھەممىلا يەردە جاسۇسلار نىڭ بارلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: لىۋاندىكى ئۇرۇش توختىتىش  كېلىشىمىدىن خۇرسەنمىز
ترامپ ۋە مودى ھىندىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى كۆرمەسكە سالدى
غەززەنىڭ كۆزى: پلېستىيا ئەلئەققادنىڭ پەلەستىندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى چۈشەندۈرۈش كۈرىشى
تۈركىيە تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى تۈركىيەنىڭ دۇنيادىكى تونۇشىنى ئۆزگەرتىۋاتىدۇ
ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى دەۋرىدىكى رامىزان ۋە ھۇزۇر مۇنازىرىلىرى
ئوتتۇز كۈنلۈك غەلىبە: 1897-يىلدىكى ئوسمانلى -گىرېتسىيە ئۇرۇشى
تۈركىيە «تېخىمۇ ئادىل بىر دۇنيا» بەرپا قىلىش ئۈچۈن خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى چاقىرماقتا
داتچادىكى ئوسمانلى دەۋرىگە ئائىت كېمە چۆكۈپ كېتىش ۋەقەسى
تارىخىي «رىگاتا» سۇ تەنتەربىيەسى بايرىمى نىگېرىيەنىڭ مەدەنىيەت مىراسىنى نامايان قىلدى
جەنۇبىي كورېيە پارلامېنت ئەزالىرى پىرېزىدېنتنىڭ جىددىي ھالەت جاكارلاش قارارىنى رەت قىلدى
گىرۇزىيە ئەڭ يۇقىرى سوت مەھكىمىسى پىرېزىدېنتنىڭ سايلام نەتىجىسىنى بىكار قىلىش تەلىپىنى رەت قىلدى
نېپال بىلەن خىتاي «بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشى» تۈرى توغرىسىدا رامكا كېلىشىمى ئىمزالىدى
جەنۇبىي كورىيە ساقچى ئىدارىسى «توپىلاڭ» سەۋەبىدىن پىرېزىدېنتنى تەكشۈرۈشكە باشلىدى
TRT Global نى كۆرۈپ چىقىڭ. پىكىرلىرىڭىزنى ھەمبەھىرلەڭ!
Contact us