خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا داۋاملىشىۋاتقان تاموژنا بېجى توقۇنۇشىدا كىم ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدۇ؟
ۋاشىنگىتون بىلەن بېيجىڭ ئوتتۇرىسىدىكى تاموژنا بېجى توقۇنۇشى ئۆزئارا ئۆچ ئېلىش شەكلىدە بارغانسېرى كەسكىنلەشمەكتە، بۇ بولسا بالايىئاپەت خاراكتېرلىك ئىقتىسادىي ۋەيرانچىلىق ئېلىپ كېلىش ئەندىشىسى ياراتماقتا.
مۇتەخەسسىسلەر ۋاشىنگتون بىلەن بېيجىڭ ئوتتۇرىسىدىكى تاموژنا بېجى توقۇنۇشىنىڭ مال باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشى، تەمىنلەش زەنجىرلىرىنىڭ قالايمىقانلىشىپ ئاقساپ قېلىشى ۋە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ۋەيران بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرماقتا.
ئېراسمۇس ك. كېرستىڭ ئىقتىسادىي ئۇرۇشلارنىڭ قانداق باشلىنىدىغانلىقىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويماقتا: بۇ خىل ئۇرۇشلارنىڭ ھەقىقىي ئۇرۇشلاردىكىدەك ئوڭۇشلۇق ئاخىرلىشىشى ناھايىتى ئاز كۆرۈلىدۇ.
ۋىللانوۋا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، داڭلىق ئىقتىسادشۇناس كېرستىڭ، ترامپ دەۋرىدىكى تۇنجى تاموژنا بېجىدىن بۇيان سودا ساھەسىنىڭ ئەگرى سىزىقىنى تەتقىق قىلغان شەخستۇر. كېرستىڭ بۈگۈنكى كۈندە تارىخنىڭ تېخىمۇ روشەن ھالدا تەكرارلىنىۋاتقانلىقىغا شاھىت بولماقتا.
كېرستىڭ «‹TRT World› تېلېۋىزىيە قانىلى» غا بۇ ھەقتە بەرگەن باياناتىدا مۇنداق دەيدۇ:
«بۇ توقۇنۇش ھەممىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. جۈملىدىن، ھازىرقى تاموژنا بېجى ئۇرۇشىدا ھەر ئىككى تەرەپ زىيان تارتىدۇ. ئامېرىكا ئىستېمالچىلىرى باھانىڭ ئۆرلەپ كەتكەنلىكىنى كۆرىدۇ، دۇنياۋى شىركەتلەر بولسا چەت ئەلنىڭ تەلىپىنى قاندۇرالمايدۇ. ھازىر بىر سودا ئۇرۇشى يۈز بېرىۋاتىدۇ – تاموژنا باجلىرى ھەم تەمىنلىگۈچىلەرگە ھەم تەلەپ قىلغۇچىلارغا زىيان يەتكۈزۈۋاتىدۇ. ئامېرىكا ئىستېمالچى تەرەپتۇر، شۇڭا ھەرقانداق ئەھۋالدا زىيان تارتماقتا.»
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ 9-ئاپرېل كۈنى خىتايدىن باشقا كۆپلىگەن دۆلەتلەرگە قارىتىلغان تاموژنا بېجىنى 90 كۈنلۈك توختاتتى، ئەمما خىتايغا قارشى رېكورتلۇق تاموژنا بېجىنى ساقلاپ قالدى.
ۋاشىنگىتون بېجىڭنىڭ ئۆچ ئېلىش نىشان قىلىنغان % 84 لىك تاموژنا بېجىغا جاۋابەن خىتايغا قايتىدىن تاموژنا بېجىنى % 125 كە ئۆستۈردى، ئارقىدىنلا بۇنىڭغا % 20 لىك قوشۇمچە جازالارنىمۇ ئىلاۋە قىلدى. شۇنداق قىلىپ، خىتايغا قايتا قويۇلغان تاموژنا بېجىنىڭ نىسبىتى رېكورت سەۋىيەدىكى % 145 كە يەتتى.
خىتاي بۇنىڭغا جاۋاب قايتۇرۇپ، ئامېرىكا تاۋارلىرىدىن ئېلىنىدىغان تاموژنا بېجىنى % 125 كە ئۆستۈردى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە بازارلار تەۋرىنىپ كېتىش، تەمىنلەش زەنجىرلىرى قىيىن ئۆتكەلگە دۇچ كېلىش، ئىككى دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەت ئۆز مەۋقەسىدە چىڭ تۇرۇشتەك ئەھۋال ئوتتۇرىغا چىقتى.
كېرستىڭ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ:
«بەزى مەھسۇلاتلارنىڭ باھاسى تېخىمۇ ئۆرلەپ كېتىشى، بەزىلىرى بولسا پۈتۈنلەي يوقىلىپ كېتىشى مۇمكىن. خىتاي ئىستېمالچىلىرىمۇ بىرقەدەر ئازاب تارتىدۇ، لېكىن خىتاينىڭ ئىقتىسادى ئامېرىكانىڭكىدەك ئىستېمالغا ئاساسلانمايدۇ. بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، خىتاي ئەۋزەل ئورۇندا تۇرىدۇ.»
سوغۇق سودا ئۇرۇشى بارغانسېرى كەسكىنلەشمەكتە
نىيۇ يوركتا تۇرۇشلۇق ماكرو ئىقتىسادشۇناس ساراھ كلېين بۇ مەسىلىنى ئوبيېكتىپلىق نۇقتىئىينەزەرىگە ئاساسەن ئانالىز قىلىدۇ.
كلېين «‹TRT World› تېلېۋىزىيە قانىلى» غا بۇ ھەقتە بەرگەن باياناتىدا مۇنداق دەيدۇ:
«ئەقللىق تېلېفونلار، كومپيۇتېرلار، ئويۇنچۇقلار – بۇلارنىڭ ھەممىسى ئامېرىكا ئىستېمالىنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلىدۇ –بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ %85 تى خىتايدىن كېلىدۇ.
%145 لىك تاموژنا باجلىرى 1000 دوللارلىق بىر iPhone نىڭ 1400 دوللارغا سېتىلىشى دېگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرىدۇ. باشقا ھەممە نەرسىگە قويۇلغان %10 لىك ئاساسلىق تاموژنا بېجى بۇنىڭدىن مۇستەسنا، ئەلۋەتتە.»
مال باھالىرىنىڭ تېخىمۇ ئۆرلەپ كېتىشى كۈتۈلمەكتە. %3 نىڭ ئاستىغا چۈشكەن پۇل پاخاللىقىنىڭ بۇ يىلنىڭ ئاخىرلىرىغىچە %4.4 كە يېتىشى مۆلچەرلەنمەكتە. JPMorgan %60 لىك ئىقتىسادىي چېكىنىش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بەرمەكتە.
بۇ پەقەت مەسىلىنىڭ ئىستېمالچىلار تەرىپى، خالاس.
ئامېرىكانىڭ مەركىزىدىن – بۇ يەر بىر چاغلاردا 14 مىليارد دوللارلىق سودا يولى مەركىزى ئىدى – خىتايغا قىلىنىدىغان سويا پۇرچىقى ئېكسپورتى %25 تۆۋەنلىدى. دېھقانچىلىق تېخنولوگىيەسى شىركەتلىرى (دېھقانچىلىق ئۈسكۈنىلىرى، سەزگۈر دېھقانچىلىق تېخنىكىسى ياكى ئۇرۇق ۋە ئوغۇت قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقارغۇچى شىركەتلەر) تاموژنا بېجىنىڭ خىتايغا تاۋار ئېكىسپور قىلىش ئىشلىرىغا زور دەرىجىدە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
پولات ۋە ئاليۇمىن قاتارلىق بۇ پۇرسەتتىن پايدا ئېلىشى كۈتۈلۈۋاتقان ساھەلەرمۇ قىيىنچىلىققا دۇچ كەلمەكتە. ئاپتوموبىل ۋە ماشىنا شىركەتلىرىنىڭ چىقىملىرى %15 ئېشىپ كەتتى.
«بىر قول بېرىدۇ، يەنە بىر قول ئالىدۇ» دەيدۇ كلېين.
بۇ ئەھۋال خىتايدىمۇ ئوخشاش شەكىلدە ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى. Foxconn گۇرۇھىنىڭ كىرىمى تۆۋەنلەپ كېتىشى مۇمكىن. گۇاڭدوڭدىكى زاۋۇتلار خىزمەتچىلەرنى قىسقارتىشقا مەجبۇر بولۇشى مۇمكىن.
پايدىغا ئېرىشكۈچىلەر، زىيانغا ئۇچرىغۇچىلار ۋە يېڭى سودا خەرىتىسى
لېكىن ھەربىر ئوت ئاپىتى بەزىلەر ئۈچۈن تېپىلغۇسىز پۇرسەتلەرنى يارىتىپ بېرىدۇ.
ۋيېتنامنىڭ ئامېرىكاغا بولغان ئېكسپورتى 2020-يىلدىن بۇيان %50 ئاشتى. مېكسىكا ھازىر ئامېرىكانىڭ ئەڭ چوڭ سودا شېرىكى بولۇپ، ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىشنى كۈچەيتمەكتە. ھىندىستان چوڭ بىر ئېلېكترون مەركىزى سۈپىتىدە تەرەققىي قىلماقتا. Apple بولسا iPhone ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ %15 نى ھىندىستانغا يۆتكىمەكتە.
«ئومۇمەن ئېيتقاندا، ئامېرىكانىڭ خىتايغا ئېكسپورت قىلىدىغان مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەر پايدىغا ئېرىشىشى مۇمكىن» دەيدۇ كېرستىڭ ۋە سۆزلىرىگە مۇنۇلارنى ئىلاۋە قىلىدۇ: «ئەڭ ئاخىرقى قېتىم، بىرازىليە دېھقانچىلىق ساھەسىدە يېتەكچى دۆلەت سۈپىتىدە رول ئوينىغان ئىدى. ئەمما بۇ قېتىم خىتاي ئاكتىپ ھالدا ياۋروپانى نىشان قىلماقتا – ئامېرىكانىڭ تەسىرىنى ئازايتىش ئۈچۈن ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن تېخىمۇ كۆپ سودا قىلىشقا تىرىشماقتا.»
كلېين سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇرىدۇ:
«بۇ ئەھۋال ئوتتۇرا دەرىجىلىك كۈچلەرنىڭ ئىنتىقامىنى تەشكىل قىلماقتا. بىتەرەپ دۆلەتلەر – ۋيېتنام، مېكسىكا، ھىندىستان – بۇ ئەھۋالنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرالىشى مۇمكىن.»
لېكىن باشقىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، سودا ئۇرۇشى خۇددى ئىككى تەرەپتىن قىسىپ تۇرىدىغان قىسقۇچقا ئوخشايدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقى ئامېرىكا بىلەن بولغان 900 مىليارد دوللارلىق ۋە خىتاي بىلەن بولغان 900 مىليارد دوللارلىق سودىسى ئارىسىدا قاپسىلىپ قالدى. خىتايدىن كېلىدىغان زاپچاسلارغا تايىنىدىغان گېرمانىيە ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقارغۇچىلىرى چىقىم ئېشىپ كېتىش خەۋپىگە دۇچ كەلمەكتە.
تەيۋەننىڭ يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئېكسپورتى ھەم ئامېرىكانىڭ تاموژنا بېجىنىڭ ھەم خىتاينىڭ نادىر تۇپراق ئېلېمېنتلىرىدىكى چەكلىمىلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماقتا. ئاۋىستىرالىيە ۋە كانادا قاتارلىق ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرمۇ ۋاشىنگتون بىلەن بېيجىڭنىڭ بېسىمى ئاستىدا قالماقتا.
«قىسقا مۇددەتتە، ھەممە نەرسە تېخىمۇ قىممەت بولۇپ قالىدۇ. تەمىنلەش زەنجىرلىرى بولسا ئۆز ئورنىدا تۇرۇۋاتىدۇ، چۈنكى بۇلارنى بىر كېچىدىلا ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ» دەيدۇ كېرستىڭ.
ئۇزۇن مۇددەتلىك كۆز قاراش: ئىختىلاپلار ۋە پەرەزلەر
قىسقا مۇددەتتە، ئېلېكترون مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشى كۈتۈلمەكتە. چۈنكى ئېلېكترون مەھسۇلاتلىرىنى ئاسىيادىن ھاۋا يولى ئارقىلىق توشۇش ھەققى %20 ئېشىپ كەتتى.
لېكىن ئىقتىسادشۇناسلارنى ئەڭ كۆپ ئەندىشىگە سالىدىغىنى ئۇزاق مۇددەتلىك ئۆزگىرىشلەردۇر.
«ئۇزۇن مۇددەتتە، تۆۋەنرەك تاموژنا بېجى تۆلەش ھوقۇقىغا ئىگە دۆلەتلەر تېخىمۇ جەلپكار دۆلەتلەرگە ئايلىنىدۇ. شۇڭا، ھىندىستان ياكى ۋيېتنام قاتارلىق دۆلەتلەر تاموژنا بېجىدىن ساقلىنىپ قالالىغان تەقدىردە، Apple ۋە Nike قاتارلىق شىركەتلەر مەھسۇلاتلىرى ۋە تاۋارلىرىنى بۇ دۆلەتلەردىن تەمىنلەشكە تىرىشىدۇ.»
مۇرەككەپ، نازۇك ۋە ئۇزۇن يىللار مابەينىدە شەكىللەنگەن ھازىرقى تەمىنلەش زەنجىرلىرى ناھايىتى زور ئۆزگىرىش باسقۇچىنى باشتىن كەچۈرمەكتە. Apple 2028-يىلغىچە iPhone ئىشلەپچىقىرىشنىڭ %25 نى ھىندىستان ۋە ۋيېتنامغا يۆتكەشنى پىلانلىماقتا. Tesla مېكسىكاغا يۆتكەلمەكتە. يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئىشلەپچىقارغۇچىلار خىتاي سىرتىدىكى يېڭى زاۋۇتلارغا 60 مىليارد دوللار مەبلەغ سالماقتا.
بۇ ئۆزگىرىشلەرنىڭ تەننەرخى بولسا، «تەلەپتىن ئارتۇقچە چىقىم، ئۈنۈمسىزلىك ۋە ئىستېمالچىلار ئۈچۈن تېخىمۇ يۇقىرى باھا» دېگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرىدۇ.
«بۇ ئەھۋال ئەرزان مەھسۇلاتلارنىڭ قالماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. بەلكى، ھازىرچە ئېنىق بولمىسىمۇ، ئەمما بىز بىلىدىغان بىر-بىرى بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئاخىرلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىمۇ مۇمكىن.» دەيدۇ كلېين.
ئىشەنچنىڭ يوقىلىشى
بەلكىم ئەڭ كۆپ ۋەيران قىلغۇچى ئامىل ئىقتىسادىي ئەمەس، پىسخىكىلىق ئامىل بولۇشى مۇمكىن.
كېرستىڭ: «سىياسەتلەر ئالدى بىلەن جاكارلىنىدۇ، كېيىن ئۆزگەرتىلىدۇ، ئاندىن يەنە جاكارلىنىدۇ؛ بۇ ئىشەنچنىڭ يوقىلىش دائىرىسىنى تېخىمۇ كېڭەيتىۋېتىدۇ» دەيدۇ.
ئىشەنچ بىر قېتىم يوقالسا، ئۇنى قايتا تۇرغۇزۇش ئۈچۈن ئۇزۇن يىللار كېتىدۇ.
ھازىرچە، ھەر ئىككى تەرەپ ئۆز پوزىتسىيەلىرىنى مۇستەھكەملەشكە تەييارلىنىۋاتقاندەك قىلىدۇ. بېيجىڭ ۋاشىنگتوننى ئىقتىسادىي جەھەتتىن «زورلۇق - زومبۇلۇق قىلىش» بىلەن ئەيىبلىدى. ترامپ بولسا تاموژنا بېجىنىڭ «پەقەت باشلانغۇچ» ئىكەنلىكىنى ۋە بېيجىڭ بىلەن بولىدىغان يوشۇرۇن سودا سۆھبەتلىرىدىن ئىجابىي نەتىجە چىقىشىنى كۈتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
بۇ شاۋقۇن – سۈرەنلەرنىڭ پەردە ئارقىسىدا ئاساسىي ئامىللارنىڭ قىياپىتى ئاستا-ئاستا ئۆزگەرمەكتە.
سوغۇق ئۇرۇش دەۋرىدىن كېيىنكى دۇنيا تەرتىپنىڭ ئىككى ئاساسىي تۈۋرۈكى بولغان ئامېرىكا بىلەن خىتاي بىر-بىرىدىن يىراقلاشماقتا. دۇنيا تەرتىپىدىكى بۇ بوشلۇق پەقەت ئىستراتېگىيەلىك جەھەتتىنلا ئەمەس، ئىقتىسادىي، شەخسىي ۋە قۇرۇلمىلىق جەھەتتىنمۇ ئوتتۇرىغا چىقماقتا.
كېرستىڭنىڭ ئەسكەرتىشىچە: «خىتاي بىلەن ئامېرىكانىڭ ئايرىلىشى ئىستېمالچىلار ۋە دۇنيا ئىقتىسادى ئۈچۈن ھەددىدىن زىيادە سەلبىي نەتىجىلەرنى ئېلىپ كېلىدىغان چوڭ بىر ئۆزگىرىش بولۇپ قالىدۇ.»