ئەردوغان-مېلونى ئۇچرىشىشى: ئىتالىيە-تۈركىيە مۇناسىۋىتىدە بۇنىڭدىن كېيىن قانداق قەدەملەر تاشلىنىدۇ؟
ئوچېرىك
3 مىنۇت ئوقۇش
ئەردوغان-مېلونى ئۇچرىشىشى: ئىتالىيە-تۈركىيە مۇناسىۋىتىدە بۇنىڭدىن كېيىن قانداق قەدەملەر تاشلىنىدۇ؟تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى ئەردوغان، دۆلەت مۇداپىئە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ۋە ئىككى ئاقدېڭىز دۆلىتى ئوتتۇرىسىدىكى سودا-ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەقسىتىدە، ئىتالىيە باش مىنىستىرى مېلونى بىلەن رىمدا بىر يەرگە كەلدى.
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان (سولدا) 2024-يىلى 14-ئىيۇن ئىتالىيەنىڭ جەنۇبىدىكى بارى شەھىرىگە يېقىن بورگو ئېگنازىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن G7 باشلىقلار يىغىنىدا، ئىتالىيە باش مىنىستىرى جورجىيا مېلونى تەرىپىدىن كۈتۈۋېلىنماقتا. [سۈرەت: AP] / AP
a day ago

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى ئەردوغان، دۆلەت مۇداپىئە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ۋە ئىككى ئاقدېڭىز دۆلىتى ئوتتۇرىسىدىكى سودا-ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەقسىتىدە، ئىتالىيە باش مىنىستىرى مېلونى بىلەن رىمدا بىر يەرگە كەلدى. بۇنىڭدىن باشقا، 500 دىن ئارتۇق ئىتالىيەلىك ۋە تۈرك سودا-سانائەتچى سودا مۇنبىرى يىغىنى ئېچىپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا مۇناسىۋەتلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش يوللىرىنى مۇزاكىرە قىلدى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئىتالىيە باش مىنىستىرى جورجىيا مېلونى، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى تۆتىنچى قېتىملىق ھۆكۈمەتلەر ئارا ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن رىمدا ئۇچراشتى. بۇ ئۇچرىشىش، دۆلەت مۇداپىئە ۋە سودا ساھەلىرىدە تېز سۈرئەتتە راۋاجلىنىۋاتقان ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى كۈچىيىۋاتقان بىر مەزگىلىدە ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

ئىككى رەھبەر ئىلگىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت)دىن تارتىپ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى (ناتو) ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنىغىچە بولغان ھەر قايسى كۆپ تەرەپلىك سۇپىلاردا بىر يەرگە كېلىپ، ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇش، سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتكە قايتىدىن قوبۇل قىلىنىشى، شۇنداقلا دۆلەت مۇداپىئە ۋە سودا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش قاتارلىق بىر قاتار گېئوسىياسىي مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغانىدى.

دۆلەت مۇداپىئە ھەمكارلىقى بۇ چوڭقۇرلىشىۋاتقان شېرىكلىك مۇناسىۋىتىدىكى كۆزگە كۆرۈنەرلىك بىر ساھە سۈپىتىدە دىققەت تارتماقتا. 7-ئاپرېل، ئىتالىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گۇئىدو كروسېتتو، ئىككى ناتو ئىتتىپاقدىشى ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە، تۈركىيەلىك مەنسەپدىشى ياشار گۈلەر بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن ئەنقەرەدە زىيارەتتە بولدى.

بۇ يىلنىڭ بېشىدا، تۈركىيەنىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئىشلەپچىقارغۇچىسى بايقار، ئەزەربەيجاندىن لىۋىيەگىچە، ئۇكرائىنادىن ئېفىيوپىيەگىچە بولغان نۇرغۇن رايونلاردا ئىشلىتىلىۋاتقان سىستېمىلىرى بىلەن تونۇلغان بىر شىركەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىتالىيەنىڭ ئاۋىياتسىيە ۋە دۆلەت مۇداپىئە سانائىتىدىكى چوڭ شىركىتى «لېئوناردو سپا» بىلەن ئىستراتېگىيەلىك كېلىشىم ئىمزالىدى. ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرىدا، بايقار شىركىتى يەنە «پىئاگگىئو ئائېيروسپەيس» شىركىتىنىمۇ سېتىۋالغانىدى.

«لېئورنادو» شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى روبېرتو چىڭگولانى مۇنداق دېدى: «بايقار بىلەن بىرلىكتە ئۇچقۇچىسىز تېخنىكا ساھەسىدە يېڭى بىر ئۈلگە يارىتىۋاتىمىز. بۇ تېخنىكىلار دۆلەت مۇداپىئەسىنىڭ كەلگۈسىدە بارغانسېرى مەركىزىي رول ئوينايدۇ». بۇ شېرىكلىكنىڭ، ياۋروپانىڭ 100 مىليارد دوللارلىق دۆلەت مۇداپىئە بازىرىدا يېڭى پۇرسەتلەرگە يول ئېچىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

سودا ھەجىمىنى ئاشۇرۇش

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ رىم زىيارىتى پەقەت دۆلەت مۇداپىئە ساھەسى بىلەنلا چەكلەنمەستىن، بەلكى سودا مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىش جەھەتتىمۇ مۇھىم بىر قەدەم ھېسابلىنىدۇ. ئىككى رەھبەر ئوتتۇرىسىدىكى ئالىي دەرىجىلىك سىياسىي ئۇچرىشىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، 500 دىن ئارتۇق تۈرك ۋە ئىتالىيەلىك ئىش ئادەملىرىنىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە يېڭى مەبلەغ سېلىش پۇرسەتلىرىنى ئىزدىنىش ئۈچۈن بىر يەرگە كېلىدىغان سودا مۇنبىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

تۈركىيەنىڭ ئىتالىيەدىكى باش ئەلچىسى ئەلىف چومئوغلۇ ئۈلگەننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا ھەجىمى يېقىنقى يىللاردا كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئېشىپ، 2019-يىلىدىكى 10 مىليارد دوللاردىن 2024-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە 32.2 مىليارد دوللارغا يەتكەن.

ئانادولۇ ئاگېنتلىقى (AA) نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان تۈركىيە باش ئەلچىسى: «بىز ئىنتايىن ھاياجانلىنىۋاتىمىز. بۇ يەردىكى بارلىق تۈركلەرنىڭمۇ ئوخشاش ھاياجانغا ئورتاقلىشىۋاتقانلىقىغا ئىشىنىمەن» دېدى. ئۇ يەنە ئەلچىخانا بىلەن تۈركىيەلىك ۋە ئىتالىيەلىك شېرىكلەرنىڭ بۇ ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنى ئۈچۈن ئۇزۇندىن بۇيان تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى، ئىتالىيە تەرەپتىمۇ ئوخشاش بىر ھاياجانلىنىشنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى تەكىتلىدى.

ئۆتكەن يىلدىن باشلاپ، ئىتالىيە تۈركىيەدىكى مۇھىم مەبلەغ سالغۇچى دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا. ھازىر تۈركىيەدە 1600 دىن ئارتۇق ئىتالىيە مەبلەغ سالغان شىركەت پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، ئومۇمىي مەبلەغ سوممىسى 5  مىليارد دوللارغا يېتىدۇ. مەركىزى ئىستانبۇلدا بولغان تاشقى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر كومىتېتى (DEİK) نىڭ تۈركىيە-ئىتالىيە سودا كېڭىشىنىڭ رەئىسى لالە جاندەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ مەبلەغلەر ئاساسلىقى ئاپتوموبىل، ئېنېرگىيە، ئۇل ئەسلىھە، ئەشيا ئوبوروتى، بانكىچىلىق ۋە يېمەك-ئىچمەك قاتارلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشكەن.

ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان جاندەر مۇنداق دېدى: «‹Fiat›، ‹Pirelli›، ‹Eni›  ۋە ‹Barilla› قاتارلىق شىركەتلەر ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان تۈركىيەدە ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، تۈركىيە شىركەتلىرىمۇ، بولۇپمۇ توقۇمىچىلىق، يېمەك-ئىچمەك ۋە ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى ساھەلىرىدە ئىتالىيەدە كۈنسېرى زورايماقتا. تۈركىيە سەرمايىسىنىڭ چەت ئەلدىكى خاراكتېرىنىڭ ئۆزگىرىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىغان، يۇقىرى تېخنىكا ۋە تەتقىق قىلىش-تەرەققىي قىلدۇرۇشنى مەركەز قىلغان مەبلەغ سېلىشقا يۈزلەنگەن روشەن بىر يۆنىلىش بار» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە بىلەن ئەنگلىيە سۈرىيەگە قويۇلغان چەكلىمىلەرنى شەرتسىز بىكار قىلىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىريۇسسېلدا ھەممىلا يەردە جاسۇسلار نىڭ بارلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: لىۋاندىكى ئۇرۇش توختىتىش  كېلىشىمىدىن خۇرسەنمىز
ترامپ ۋە مودى ھىندىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى كۆرمەسكە سالدى
غەززەنىڭ كۆزى: پلېستىيا ئەلئەققادنىڭ پەلەستىندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى چۈشەندۈرۈش كۈرىشى
تۈركىيە تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى تۈركىيەنىڭ دۇنيادىكى تونۇشىنى ئۆزگەرتىۋاتىدۇ
ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى دەۋرىدىكى رامىزان ۋە ھۇزۇر مۇنازىرىلىرى
ئوتتۇز كۈنلۈك غەلىبە: 1897-يىلدىكى ئوسمانلى -گىرېتسىيە ئۇرۇشى
تۈركىيە «تېخىمۇ ئادىل بىر دۇنيا» بەرپا قىلىش ئۈچۈن خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى چاقىرماقتا
داتچادىكى ئوسمانلى دەۋرىگە ئائىت كېمە چۆكۈپ كېتىش ۋەقەسى
تارىخىي «رىگاتا» سۇ تەنتەربىيەسى بايرىمى نىگېرىيەنىڭ مەدەنىيەت مىراسىنى نامايان قىلدى
جەنۇبىي كورېيە پارلامېنت ئەزالىرى پىرېزىدېنتنىڭ جىددىي ھالەت جاكارلاش قارارىنى رەت قىلدى
گىرۇزىيە ئەڭ يۇقىرى سوت مەھكىمىسى پىرېزىدېنتنىڭ سايلام نەتىجىسىنى بىكار قىلىش تەلىپىنى رەت قىلدى
نېپال بىلەن خىتاي «بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشى» تۈرى توغرىسىدا رامكا كېلىشىمى ئىمزالىدى
جەنۇبىي كورىيە ساقچى ئىدارىسى «توپىلاڭ» سەۋەبىدىن پىرېزىدېنتنى تەكشۈرۈشكە باشلىدى
TRT Global نى كۆرۈپ چىقىڭ. پىكىرلىرىڭىزنى ھەمبەھىرلەڭ!
Contact us