پىكىر
5 مىنۇت ئوقۇش
مۇزەممىل ئەييۇب تاكۇر: «ھىندىستان كەشمىردە ھەممە ئىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىگە دۇنيانى ئىشەندۈرمەكچى
ھىندىستان كەشمىرنىڭ ئۆز-ئىرادىسىنى بەلگىلەش تەلىپىنى يوقىتىشنى ۋە ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى قانۇنىيلاشتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان چوڭقۇر ئىستراتېگىيەلىك سىياسەتنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە، كەشمىردە ۋەزىيەتنى نورمال كۆرسىتىشكە تىرىشماقتا.
مۇزەممىل ئەييۇب تاكۇر: «ھىندىستان كەشمىردە ھەممە ئىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىگە دۇنيانى ئىشەندۈرمەكچى
Kashmiri villagers inspect the debris of the blown-up family home of Ahsan Ul Haq Shiekh, a militant who officials say is involved in the deadly attack on tourists in Pahalgam. / Photo: AP
a day ago

يېقىنقى كۈنلەردە، ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندرا مودىنىڭ نوپۇسى مۇسۇلمانلار كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلىدىغان كەشمىرنىڭ ساياھەتچىلەر ئېقىنى ئارقىلىق باياشادلىققا ئېرىشكەنلىكى، بىراق ھازىر بۇ ساياھەتچىلەرنىڭ ھۇجۇم نىشانى قىلىنىۋاتقانلىقىغا دائىر ئېيتقان سۆزلىرى دىققەتلەرنى تارتتى.

ھالبۇكى، ئالدىنقى قاتاردىكى مۇستەقىللىق تەرەپدارى كەشمىرلىك ئاكتىپ ۋە «ئادالەت فوندى» نىڭ دىرېكتورى دوكتور مۇزەممىل ئەييۇب تاكۇرنىڭ قارىشىچە، كەشمىرلىكلەرنىڭ خەلق شىكايەتلىرى ھەل قىلىنمىغان بىر مۇھىتتا، نورماللىشىش ھەققىدە ئېيتىلغان بارلىق بۇ گەپلەر كىشىنى ئويغا سالىدىغان بىر ساختىلىقتىن ئىبارەتتۇر.

تاكۇر بۇ ئاينىڭ باشلىرىدا ت ر ت ۋورلد  (TRT WORLD ) قانىلىغا بەرگەن باياناتىدا، ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ كەشمىرنى نورمال كۆرسىتىش ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ، كەشمىرنىڭ مۇستەقىللىق تەلەپلىرىنى تىنجىتىش ۋە ئۇنىڭ «مۇستەملىكىچى بىر ئىشغالىيەت» دەپ تەسۋىرلىگەن ۋەزىيەتنى قانۇنلۇق ھالغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ چوڭقۇر ئىستراتېگىيەلىك سىياسەتنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

تاكۇر: «ھىندىستان ھۆكۈمىتى بۇنى تېخىمۇ مۇرەككەپ ھالغا كەلتۈرۈشنى خالايدۇ، بىراق مۇستەقىللىققا ئېلىپ بارىدىغان يول ناھايىتى ئاددىي» دېدى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ تالاش-تارتىشلىق رايوندا خەلقنىڭ رېفېراندۇم ئۆتكۈزۈشىنى كۆزدە تۇتقان قارارلىرىغا ئىشارەت قىلدى.

تاكۇر 2025 - يىلى يانۋاردا ئېلان قىلىنغان ۋە ھىندىستان تاراتقۇلىرىدا قاتتىق ئىنكاسلارغا سەۋەب بولغان ئوكسفورد بىرلىكىدىكى سۆزىدە، كەشمىرنىڭ مۇستەقىللىق ھوقۇقىنىڭ ھىندىستاننىڭ ئۇزۇن ۋاقىتتىن بۇيان خەلقنىڭ بېلەت تاشلىشىغا رۇخسەت قىلىشنى رەت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىغا قارىماي، خەلقئارا سەھنىدە ئېتىراپ قىلىنغانلىقىنى تەكىتلىدى.

شەرقىي تىمور، جەنۇبىي سۇدان ۋە ھەتتا شوتلاندىيە قاتارلىقلارنى مىسال كەلتۈرۈپ، بۇ رايونلاردىكى خەلقلەرنىڭ سىياسىي كېلەچىكىنى بەلگىلەش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مۇستەملىكە مىراسى

تاكۇر يەنە ھىندىستاننىڭ ئۆزىنى ئەنگلىيە تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى كۈرەش قىلغان مۇستەملىكە دەۋرىدىن كېيىنكى بىر دۆلەت دەپ تونۇشتۇرۇشىنىمۇ تەنقىد قىلدى. بۇنىڭ ئورنىغا ھازىرقى زاماندىكى ھىندىستاننى ئۆزى بىر «مۇستەملىكىچى» دەپ سۈپەتلىدى ۋە «ئارىدىن 70 يىل ئۆتكەنلىكى بۇنىنىڭ توغرىلىقىنى كۆرسەتمەيدۇ. ۋاقىت مۇستەملىكىچىلىكنى قانۇنىي ھالغا كەلتۈرەلمەيدۇ» دېدى.

تاكۇر كەشمىر، جۇناگادھ ۋە ھەيدەرئاباد قاتارلىق 1947-يىلدىكى بۆلۈنۈشتىن كېيىنكى تالاش-تارتىشلارغا تولغان ۋاقىتلاردا ھىندىستانغا قوشۇلغان پادىشاھلارنى ئىشارەت قىلىپ، ھىندىستاننىڭ مۇستەقىللىقتىن كېيىنكى كېڭىيىشىنىڭ ئىمپېرىيالىستىك كۈچلەرنىڭ مەجبۇرلاش تاكتىكىلىرىنى ئەكس ئەتتۈرگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بۇ كۆز قاراش كەڭ دائىرىلىك ئاكادېمىك مۇنازىرىلەردە ئىنكاس قوزغايدۇ. ئا.گ. نۇرانى قاتارلىق تارىخچىلار ۋە مۇستەملىكە دەۋرىدىن كېيىنكى نەزەرىيە مۇتەخەسسىسلىرى، ھىندىستاننىڭ بۇ ئۆلكىلەرنى بىرلەشتۈرۈشىنىڭ خەلقلەرنىڭ ئەركىن ئىرادىسىنى ئۆزىگە ئاساس قىلمىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.

تاكۇر ھىندىستاننىڭ گەندىنىڭ زوراۋانلىققا قارشى مىراسىغا، رەڭلىك مەدەنىيەت فېستىۋاللىرىغا ۋە يوگا بىلەن بوللىۋۇدنىڭ دۇنياۋىي شۆھرىتىگە ئاساسلانغان پروجېكسىيەسىنى، مودى ھۆكۈمىتى ئاستىدا بېسىمنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇر رېئاللىقلىرىنى يوشۇرىدىغان بىر «ماركا» ھالىغا كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ھىندىستان 2019-يىلى ئاۋغۇستتا ئۆزىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى كەشمىرنىڭ ئالاھىدە ئاپتونوم رايونلۇق سالاھىيىتىنى  ئەمەلدىن قالدۇردى. ھىندىستان ھۆكۈمىتى  370 - ماددا بىكار قىلىنىغاندىن بۇيان رايوننىڭ مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە تەرەققىي قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلمەكتە.

ھۆكۈمەت مەسئۇللىرى يېڭى مەبلەغ سېلىش، ئاساسىي قۇرۇلۇش لايىھەلىرى ۋە ساياھەتچىلىكنىڭ ئېشىشىنى، ئىلگىرىلەشنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە كۆپ تىلغا ئالماقتا.

تاكۇر بۇ باياناتلارنى رەت قىلىپ، «تەرەققىياتنىڭ تونۇشتۇرۇلۇشى كەشمىرلىكلەرنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئاشۇرمىدى. ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنى تەلەپ قىلىشى ئۆزگەرمىدى» دېدى.

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دوكلاتلىرى، ئۇنىڭ دېگەنلىرىنىڭ توغرا چىققانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.  

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ۋە كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، 2019 - يىلدىن كېيىنكى كەشمىردە پۇقرالارنىڭ ئەركىنلىكلىرى ئۈستىدىكى بېسىملار، كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇنلار ۋە مۇخبىرلار بىلەن سىياسىي ئاكتىپلارغا قارىتىلغان چەكلىمىلەر داۋاملاشماقتا.

ئۆتكەن يىلى ب د ت ئالاھىدە دوكلاتچىلىرى رايوندىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە ئەندىشىلىرىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

بۇ يىل  (2025) نىڭ باشلىرىدا، كەشمىردە ئىككى يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرىنىڭ گۇمانلىق مۇھىتتا ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ھەققىدە دوكلاتلار ئوتتۇرىغا چىقتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يوقاپ كېتىشلەر، نازارەتتىكى چاغدا ئۆلۈشلەر ۋە دىنىي رەھبەرلەرنىڭ قورقىتىلىشى، يەرلىك ۋە خەلقئارالىق كۆزەتكۈچىلەر ئارىسىدا تەشۋىش پەيدا قىلدى.

يېقىنقى يىللاردا دىققەت تارتقان بىر ئۆزگىرىش، كەشمىرگە ساياھەت قىلىدىغان ھىندىستانلىق بلوگچىلارنىڭ كۆپىيىشى بولدى. بۇ بلوگچىلار گۈزەل مەنزىرەلەرنى، قاينام-تاشقىنلىق بازارلارنى ۋە كۈلۈمسىرىگەن يەرلىك خەلقنى كۆرسىتىپ، ۋەزىيەتنىڭ نورماللاشقانلىقىنىڭ ئىسپاتى سۈپىتىدە سۇندى.

تاكۇر بۇ كۆرۈنۈشلەرنى «دۆلەتنىڭ قوللىشى ئاستىدىكى تەشۋىقات» نىڭ يەنە بىر قورالى دەپ قارايدۇ.

ئۇ: «بۇ بىر چوشقىنى زىننەتلىگەنگە ئوخشاش بىر ئىش. مەقسەت ھەم ھىندىستانلىقلارنىڭ ھەمدە كەشمىرلىكلەرنىڭ سەزگۈرلىكىنى يوقىتىش. قارشىلىق ۋە ئەركىنلىك تەلەپلىرىنىڭ ئەمدى مەۋجۇت بولمىغانلىقى ھەققىدە ساختا ۋەزىيەت ياراتماق» دېدى.

تاكۇر بلوگچىلارنىڭ، ئېھتىياجلىق بولغان ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشقا باغلىق ھالدا كەشمىرلىكلەرنى ھەم زوراۋان، ھەمدە مېھماندوست، دەپ تەسۋىرلىشىدىكى زىت نۇقتىلارنى ئوتتۇرىغا قويدى.

تاكۇر: «بەزى بلوگچىلار كەشمىرگە بارىدۇ ۋە بەزىلىرى ئۆزىنى چاقچاقچى دەپ تونۇشتۇرىدۇ. بىر چاقچاقچى، تاشلار بىلەن قارشى ئېلىنغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى، چۈنكى كۆرۈنۈشتە كەشمىرلىكلەرنىڭ تاش ئېتىش مەدەنىيىتى باردەك قىلىدۇ. بۇ پۈتۈنلەي خاتا ئەمەس، بىراق بىز تاشلارنى ئىشغال قىلغان، بېسىم قىلغان، باسقۇنچىلىق قىلغان، قىيىن-قىستاققا ئالغان ۋە بىزنى ئۆلتۈرگەن ھەربىي خادىملارغا ئاتىمىز» دېدى.

ئوخشاش تەنقىدلەر، ئاكادېمىكلار، مېدىيا ئانالىزچىلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق گۇرۇپپىلىرى تەرىپىدىنمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ گۇرۇپپىلار، «نورماللىشىش سەپەرۋەرلىكلىرى» نىڭ كۆپىنچە ئېغىر ھەربىي مەۋجۇتلۇقنى ۋە كەشمىرلىكلەرنىڭ قاتتىق نازارەت ۋە بىخەتەرلىك قانۇنلىرى ئاستىدىكى كۈندىلىك رېئاللىقلىرىنى كۆرمەسكە سالىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.

2019-يىلدىن بۇيان نىسپىي تىنچ ئۆتكەن يىللار، بەزىلەرنى كەشمىر كۈرىشىنىڭ تارىخقا ئايلىنىپ قالغان-قالمىغانلىقىنى سوراشقا يۈزلەندۈردى.

تاكۇر بۇنىڭغا قوشۇلمىدى. «ئۆتمۈشتىكى دەۋرلەرگە ئاساسەن مۆلچەرلىسەك، كەشمىردە باشقا بىر قوزغىلاڭ مۇقەررەر» دېدى.

كەشمىر 2008 -، 2010 - ۋە 2016-يىللاردا كەڭ كۆلەملىك قوزغىلاڭلارنى كۆردى، ھەر بىرى كۆرۈنۈشتىكى تىنچ دەۋرلەردىن پەرقلىق بولدى.

ئارۇندھاتى روي ۋە دوكتور سىددىق ۋاھىد قاتارلىق تەنقىدچىلەر، بۇ توختاپ قېلىشلارنىڭ ئاستىدا چوڭقۇر بىر نارازىلىقنىڭ قايناۋاتقانلىقىنى ۋە سىياسىي بېسىم كۈچەيگەندە كۆپ ھاللاردا قايتا ئەۋج ئالىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

تاكۇر ھىندىستاننىڭ كەشمىرلىكلەرنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش خاتىرىسىنى «ئۆچۈرۈپ تاشلاش» قا ئىشىنىشىنىڭ خەتەرلىك شەكىلدە يىراقنى كۆرەلمەسلىك ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

تاكۇرنىڭ ئوچۇق ئاشكارا تەنقىدلىرى ئۇنى ھۇجم نىشانىغا ئايلاندۇرۇپ قويدى. ھىندىستان مېدىيا ئورۇنلىرى ۋە تار مىللەتچى ئىنكاسچىلار، ئۇنى ۋە باشقا نۇرغۇن كەشمىرلىك ئاكتىپلارنى پاكىستاننىڭ جاسۇسلۇق تەشكىلاتى «ئاي ئەس ئاي» نىڭ ئىشپىيونلىرى دەپ ئەيىبلىدى.

تاكۇر بۇ خىلدىكى ئەيىبلەشلەرنى كەشمىرلىكلەرنىڭ ئاۋازلىرىنى قانۇنسىزلاشتۇرۇشقا قارىتىلغان چوڭقۇر ئىستراتېگىيەلىك سىياسەتنىڭ بىر قىسمى، دەپ رەت قىلدى. تاكۇر  ت ر ت ۋورلد قانىلىغا بەرگەن باياناتىدا، «ھىندىستاننىڭ كۆز قارىشىغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ھەر كىم ئاپتوماتىك ھالدا ‹پاكىستانلىق› بولۇپ قالىدۇ. شاھرۇخ خان، سەيف ئەلى خان ۋە سالمان خان قاتارلىق مۇسۇلمان ئارتىسلار سۆزلىگەن ۋاقىتتىمۇ دۈشمەنلىك  قىلىشلارغا ئۇچرايدۇ. بۇ ھىندىستاندا بۈگۈن ئۆكتىچىلىكنىڭ، بولۇپمۇ مۇسۇلمان ئۆكتىچىلىكىنىڭ قانداق بولۇۋاتقانلىقىنىڭ بىر ئىپادىسىدۇر» دېدى.

بۇ ئۆكتىچىلەرنى «دۆلەتكە قارشى» دەپ ئەيىبلەش مودېلى، مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتى ۋە چېگراسىز مۇخبىرلار قاتارلىق تەشكىلاتلار تەرىپىدىن كەڭ دائىرىدە ھۆججەتلەشتۈرۈلدى. ھىندىستاندا پىكىر ئەركىنلىكى ساھەسىنىڭ تارىيىپ كېتىشى توغرىسىدا ئەندىشىلىرىنى بىلدۈردى.

تاكۇر كەشمىردە يۈز بېرىۋاتقان دېموكراتىك چېكىنىشنىڭ يېگانە بىر ھادىسە ئەمەسلىكىنى، ھىندىستان مىقياسىدا كۆپ سانلىقنىڭ كەڭ دائىرىدە زەئىپلىشىشىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ: «ھىندىستاننىڭ 11-سېنتەبىردىن كېيىنكى ئىراق ۋە ئافغانىستاندىن تېخىمۇ كۆپ دېموكراتىيەگە ئېھتىياجى بار» دېدى.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە بىلەن ئەنگلىيە سۈرىيەگە قويۇلغان چەكلىمىلەرنى شەرتسىز بىكار قىلىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىريۇسسېلدا ھەممىلا يەردە جاسۇسلار نىڭ بارلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: لىۋاندىكى ئۇرۇش توختىتىش  كېلىشىمىدىن خۇرسەنمىز
ترامپ ۋە مودى ھىندىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى كۆرمەسكە سالدى
غەززەنىڭ كۆزى: پلېستىيا ئەلئەققادنىڭ پەلەستىندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى چۈشەندۈرۈش كۈرىشى
تۈركىيە تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى تۈركىيەنىڭ دۇنيادىكى تونۇشىنى ئۆزگەرتىۋاتىدۇ
ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى دەۋرىدىكى رامىزان ۋە ھۇزۇر مۇنازىرىلىرى
ئوتتۇز كۈنلۈك غەلىبە: 1897-يىلدىكى ئوسمانلى -گىرېتسىيە ئۇرۇشى
تۈركىيە «تېخىمۇ ئادىل بىر دۇنيا» بەرپا قىلىش ئۈچۈن خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى چاقىرماقتا
داتچادىكى ئوسمانلى دەۋرىگە ئائىت كېمە چۆكۈپ كېتىش ۋەقەسى
تارىخىي «رىگاتا» سۇ تەنتەربىيەسى بايرىمى نىگېرىيەنىڭ مەدەنىيەت مىراسىنى نامايان قىلدى
جەنۇبىي كورېيە پارلامېنت ئەزالىرى پىرېزىدېنتنىڭ جىددىي ھالەت جاكارلاش قارارىنى رەت قىلدى
گىرۇزىيە ئەڭ يۇقىرى سوت مەھكىمىسى پىرېزىدېنتنىڭ سايلام نەتىجىسىنى بىكار قىلىش تەلىپىنى رەت قىلدى
نېپال بىلەن خىتاي «بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشى» تۈرى توغرىسىدا رامكا كېلىشىمى ئىمزالىدى
جەنۇبىي كورىيە ساقچى ئىدارىسى «توپىلاڭ» سەۋەبىدىن پىرېزىدېنتنى تەكشۈرۈشكە باشلىدى
TRT Global نى كۆرۈپ چىقىڭ. پىكىرلىرىڭىزنى ھەمبەھىرلەڭ!
Contact us